5‏-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ كەچۈرمىشلىرى (6)

غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى روزى ھېيت ۋە يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن كېتىپ تۇرۇشقا زورلانماقتا.

0:00 / 0:00

ھەر قېتىملىق ھېيت-بايرام، يەرمەنكە ياكى قۇرۇلتاي مەزگىللىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن پەرزەنتلىرى غايىب بولۇپ كەتكەن ئائىلىلەر ئۈچۈن يەنە بىر دىشۋارچىلىق مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مانا بۇ مەزگىللەردە خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى يۈك-تاقىلىرىنى تېڭىشقا ۋە بىر مەھەل يۇرتلىرىدا تۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئائىلىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن باشلاپ بۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىن كېتىپ تۇرۇشنى رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئاغزاكى تالاش-تارتىش باشلىنىدۇ، بۇ تالاش-تارتىش ئىتتىرىش-سۈرۈشۈشكە ئۆزگىرىدۇ، ئاقىۋەتتە ئائىلىلەر، ياكى ساقچىخانا ياكى قاماقخانىدا ئۆزىنى كۆرىدۇ. ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يەردە تەسۋىرلىنىۋاتقىنى قايسى بىر كىنو فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشى ئەمەس، بۇ پەقەت تۈنۈگۈن ۋە ئۈلۈشكۈن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر.

« مىللىي دۆلەتلەر، دېموكراتىك ھاكىمىيەتلەر ئۆز خەلقلىرىدىن قورقمايدۇ. مەيلى بايرام كۈنلىرى بولسۇن، مەيلى يىغىن مەزگىللىرىدە بولسۇن، قوينىنى ئۆز تەۋەلىكىدىكى بارلىق كىشىلەرگە تەڭ ئاچىدۇ. كىملەرنىدۇر چەتكە قاقمايدۇ، كىملەرنىدۇر ئۆيىدىن قوغلىمايدۇ. پەقەت مۇستەملىكىچى دۆلەتلەر، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرلا، بايرام ۋە يەرمەنكە مەزگىللىرىدە، ئۆز چاۋىلىرىنىڭ چىتقا يېيىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ، ئۆز تەبىئىتىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان پۇقرالىرىغا ئۈستىلەپ يەنە بىر قېتىم ھەقسىزلىق قىلىدۇ.» يۇقىرىقىلار بىر ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىنىڭ جەمئىيەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى تەسىرات خاتىرىلىرىدىن بىر پارچە، تۆۋەندە بۇ قانۇنىيەتنىڭ پاكىتلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

روزا ھېيتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن خوتەن قاراقاشتىكى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۈرۈمچى باخۇلياڭ ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى، ئۈرۈمچى بۇلاقبېشىدا ئولتۇرۇشلۇق گۈلنىسا خانىمنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولغان. ئۇلار گۈلنىسا خانىمغا، 1-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنى يەرمەنكە ئاخىرلاشقۇچە، يۇرتى خوتەنگە قايتىپ شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان. گۈلنىسا خانىم ئوغلى مەمەت باراتنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۈرۈمچىدە غايىب بولغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالماي تۇرۇپ يۇرتىغا قايتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ساقچىلار يەرمەنكە مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىققا ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇڭا بۇ ئائىلىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشىنى ۋە دۆلەتنىڭ ساقچىلىرىغا ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. گۈلنىسا خانىم بولسا، دۆلەتنىڭ ئاۋۋال ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سوئال ۋە تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قايتىشنى رەت قىلغان. ساقچىلار گۈلنىسا خانىمغا بىرنەچچە كۈن ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىپ كېتىپ قالغان. ئالدىنقى كۈنى يەنە خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچىلىرى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن، قۇربانگۈل خانىمنىڭ قورۇسىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قەشقەردىن ساقچى كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ ساقچىلارنىڭ قۇربانگۈل خانىمنى ۋاقىتلىق يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكىتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ قايتىشقا تەييارلىق قىلىشىنى ئېيتقان.

قۇربانگۈل خانىم ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يۇرتىغا قايتسا، يول چىقىمىدىن باشقا يەنە كۈنلۈكى 200يۈەندىن پۇلدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچىلارنىڭ بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. قۇربانگۈل خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا قەشقەرگە ئاسان بېرىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچىلىرى، غالىبلاردىن ئالىم ھېلاجىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ھېلاجىنى يۈك -تاقىسىنى تېڭىشقا ۋە ئەتىسى قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىشقا بۇيرۇغان.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يولسىزلىق ۋە زوراۋانلىقلىرىنى 3يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم كۆرگەن ھېلاجى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا پەرۋا قىلمىغان. ھېلاجى ئۆزىنىڭ بىر جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ جىنايەتچى ئەمەسلىكىنى، بەلكى بىر پەرزەنتىنى يوقىتىپ قويغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، يۇرتىغا قايتىشنى رەت قىلغان. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا ئاپىرىلىپ تەھدىت سېلىنغان. ھېلاجى ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئاقىۋەتكە-تۇتۇلۇشقا، سولىنىشقا ھەتتا ئېتىلىشقىمۇ كۆڭلىدە تەييارلىقى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۈرۈمچىدىن كەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچىدە ياشايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ساقچىلار ھېلاجىغىمۇ ئويلىنىش پۇرسىتى بەرگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر ئائىلىلەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىتا روھىي جەھەتتىن تەييارلىق كۆرمەكتە.