مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي قانۇن ئورگانلىرى، غايىپلاردىن زاكىر مەمەتنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئاتا - ئانىسىدىن قان ئالغان؛ بۇ خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ غايىپلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ تۇنجى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. غايىپلار ئائىلە - تاۋاباتلىرىدىن بەزىلىرى بۇ ئەھۋالدىن ئۈمىدلەنسە، يەنە بەزىلىرى، غايىپلارنىڭ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىپ ئەندىشىگە چۈشمەكتە.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سىز زاكىر مەمەتنىڭ دادىسى بولامسىز؟
جاۋاب: شۇنداق مەن شۇ.
سوئال: ئاڭلىساق، قانۇن ئورۇنلىرى يېقىندا سىزدىن ۋە زاكىرنىڭ ئاپىسىدىن قان ئاپتۇ، بۇ توغرىمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق 3 كۈن بولدى، قان ئالغىنى كىرىپتىكەن، بەردۇق.
سوئال: قەيەردىن كەلدى؟ توققۇزاقتىنمۇ يېڭىشەھەردىنمۇ؟
جاۋاب: يېڭىشەھەردىن، بىزنىڭ يېزىلىق ساقچىخانىدىن.
سوئال: قان ئالىدىغان چاغدا نېمە دەپ ئالدى؟
جاۋاب: يۇقىرىدىن تەلەپ قىلدى، يۇقىرىغا يوللايمىز دېدى.
سوئال: زاكىرجاننى ئىزدەش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ دەپ سوراپ باقدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق مۇناسىۋەتلىك، مەن ھازىرمۇ ساقچى ئىدارىسىدا، ساقچىلار زاكىرجاننىڭ يوقاپ كېتىش جەريانىنى سوراپ خاتىرىلەۋاتىدۇ.
سوئال: پات يېقىندا جاۋاب چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق ئۈمىدتە تۇرۇۋاتىمىز.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، زاكىر مەمەتنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن قان ئېلىنىشى، غايىپلار ئائىلە - تاۋاباتلىرىدىن بەزىلىرىنى ئۈمىدلەندۈرسە، يەنە بەزىلىرى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. ئۇنداقتا، قان ئېلىش غايىپنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىدىن بىشارەتمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ بولغانلىقىنىڭ بىشارىتىمۇ؟ بىز بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئۆمەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆز تەجىربىلىرىگە يەنە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈش تەرتىپلىرىگە ئاساسەن ئۆز كۆز قارشلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى.
سوئال: زاكىر مەمەتنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن قان ئېلىنىپتۇ، سىزچە بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ يەنە ئادەتتە قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قان ئېلىش قانداق ئەھۋاللاردا ئېلىنىدۇ؟
جاۋاب: قان ئادەتتە سالاھىيەتنى بېكىتىش ئۈچۈن ئېلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ياخشى بىر ئەھۋالدىن بىشارەت ئەمەس.
سوئال: ساقچىلارنىڭ زاكىر مەمەتتىن قان ئالغىنىغا قاراپ، ئۇنى كەسكىن ھالدا ھايات ياكى مامات دەپ ھۆكۈم چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟
جاۋاب: كەسكىن ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما بۇ چۈشىنىكسىز، سىرلىق بىر قان ئېلىش.
سوئال: سىز بۇ قان ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن دەپ تەخمىن قىلىسىز؟
جاۋاب: پەقەت ئائىلىلەرنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ياكى خەلقئارا جەمئىيەتلەرگە جاۋاب تەييارلاش ئۈچۈن، سۈنئىي بىر تەكشۈرۈش جەريانىنى تەييارلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
0:00 / 0:00