مۇخبىر: سىز ساقچى شاۋكەت بولامسىز؟
ساقچى: شۇنداق، مەن شۇ.
مۇخبىر: ئاڭلىساق، ئۈرۈمچىدىكى سۇدىخان دېگەن ئايالنىڭ، - بالىسى غايىپ بولۇپ كەتكەن ئۆيىدىن كۆچۈرىۋېتىش ئىشىغا سىز مەسئۇل بولۇپسىز، كۆچۈرىۋېتىشىڭلار قايسى ھۆججەت، قايسى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن بولدى؟
ساقچى: كۆچۈرىۋېتپتۇ؟ كىم كۆچۈرىۋېتىپتۇ؟ ئۇ ئايال ئۆزى كۆچۈپ كەتكەنغۇ!
مۇخبىر: سىز ئىشخانىڭىزغا چاقىرتىپسىز، ئۆيدىن كۆچۈڭلار دەپسىزغۇ؟
ساقچى: ئۇنداق ئىش يوق، ئىشخانىغا چاقىرغىنىم راس، مەن «سۇدىخان ھەدە، بىزنىڭ تەۋەلىككە كۈچۈپ كەپسىز، تەۋەلىكىمىزنىڭ قائىدە تۈزۈمىگە بويسۇنارسىز» دېدىم، باشقا گەپ قىلمىدىم. ئىشخانامدىن كەتكەندىن كېيىن، كۆچۈپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ھەم يوقلاپ نەدە تۇرۇۋاتسىز دەپ ھال سورىدىم. ئۇ ئايال «سىلەر شىركەتكە بېسىم ئىشلىتىپ مېنى كۆچۈرىۋەتتىڭلار» دەپ شىكايەت قىلدى.
مۇخبىر: شىركەتنىڭ ئۇلارنى ئۆيدىن كۈچۈرىۋېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە، سىلەر ئۇلارغا ھېچنىمە دېمىدىڭلارمۇ؟
ساقچى: بىز شىركەتكە بېرىپ «بۇ ئائىلىنى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاۋۋال ئۇنى مۇشۇ رايونلۇق ساقچىخانىغا تىزىملىتىشىڭ كېرەكتى، ئۇنداق قىلماپسەن، بىز ئارخىپ تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك» دېدۇق، نورمال تەرتىپ شۇ.
مۇخبىر: بىز شۇ شىركەتتىكىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق، سىز شىركەتتىكىلەرگە، «بۇ ئائىلىنى بۇ تەۋەلىككە ئورۇنلاشتۇرماسلىقىڭلار كېرەكتى، بۇ يەردىن كۆچۈرىۋېتىڭلار، بولمىسا شىركىتىڭلارنى تاقايمىز» دەپسىز. مۇشۇ گەپلەر سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن چىقتىمۇ - چىقمىدىمۇ؟
ساقچى: شۇنداق دەپتىمەنمۇ؟ ئۇنداق دېمىدىمغۇ دەيمەن!؟
مۇخبىر: ئۇنداق دېمىدىمغۇ دەيمەن دېگىنىڭىزگە قارىغاندا، دېگەنلىرىڭىز ھازىر ئېسىڭىزدە يوق، شۇنداقمۇ؟
ساقچى: شۇنداق، تازا ئېسىمدە يوق.
مۇخبىر: ئېغىزىڭىزدىن چىققان يەنە بىر گەپ باركەن «بىز سىزنى بېقىپلا ئۆتمەيمىز، بىزنىڭمۇ ئائىلە - بالىمىز بار، شۇڭا كۆچۈپ كېتىڭ» دەپسىز،تەۋەلىكتىن كۆچ دېمەكچىمۇ، ئۈرۈمچىدىن كۆچ دېمەكچىمۇ؟
ساقچى: ياق، مەن ھەرگىز كۆچۈڭلار دېمىدىم.
مۇخبىر: بىلىمىز، بىر ئۇيغۇر ئەخلاق جەھەتتىن نورمال بولغان، ئۆزىدىن چوڭلارغا قوپال مۇئامىلە قىلمايدۇ، بەلكىم سىزمۇ شۇنداق، بۇ يەردە سىزگە كەلگەن بىر ھۆججەت ياكى ئۇقتۇرۇش بىلەن ئۆيدىن كۆچۈڭلار دېگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇنىلا دەپ بېرىڭ، بىز شۇلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئۇقايلى.
ساقچى: ياق، ئۇنداق ھۆججەت يوق. مېنىڭ دېگىنىم شۇ «سۇدىخان ئاچا، ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە بېرىپسىز، ھېچ نەتىجە ئالالماپسىز، باراتكاممۇ)يولدىشى( ياشىنىپ قاپتۇ، ئەمدى سىز تىنچ ئولتۇرۇڭ، ئۇ يەر،بۇ يەرگە بارماڭ» دېدىم.
مۇخبىر: بۇنداق دېيىشتىن مەقسىتىڭىز، ئەرز قىلماڭ، دېمەكچىمۇ؟
ساقچى، ياق، ئەرز قىلماڭ دېمەكچى ئەمەس، ئەرز قىلسىڭىز بىزگە دەڭ، بىز بىللە بېرىشىپ بېرەيلى دېدىم.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، سىز بارماڭلار دەۋاتقان «ئۇ يەر، بۇ يەر» لەر قايەر؟ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ؟
ساقچى: شۇنداق، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى.
مۇخبىر: بۇ دېگىنىڭىز، بالاڭلارنى ئىزدىمەڭلار دېگەن گەپقۇ؟
ساقچى: ياق، ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابىنى كۈتۈڭلار دېمەكچى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتىنى غايىپلارنى ئىزدەشتىن توسقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەرنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
0:00 / 0:00