5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلار مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

رادىئومىز تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ ئاشكارىلانغان، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن كىشىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن ئۇيغۇر غايىبلاردىن ئىماممەمەت ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنى ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا ۋە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىققا چاقىردى.

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاۋسترالىيە ئىشخانىسى ئىجتىمائىي تور بەتلەر سەھىپىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يوقىتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا ئۈندەيدىغان بىر ھەرىكەت قوزغىدى. بۇ ھەرىكەتكە «سۈكۈتتە تۇرما، ئورتاقلاش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تور بەت ئابونتلىرىنى مەسىلىدىن خەۋەردار قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ كەڭ ئابونتلارغا ئۇلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن فېيىسبۇك تورىدىكى بېتىدە مەخسۇس بىر چاقىرىق ئېلان قىلغان. مەزكۇر چاقىرىقتا 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن غايىب قىلىۋېتىلگەن 27 ياشلىق ئىمام مەمەتئىلىنىڭ ئاپىسى پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئەھۋالى بارلىق غايىب بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا سىمۋول قىلىنغان. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن:
«بىر كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىز بالىڭىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئىككىنچىلەپ ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۈچ يىل بويىچە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنىمۇ بىلەلمىدىڭىز. دائىرىلەر بالىڭىزنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما، سىز ئۇلاردىن بالىڭىزنى سورىسىڭىز، ئۇلار سىزنى جاۋابسىز قالدۇرىدۇ. مانا بۇ پاتىگۈل غولامنىڭ يۈرەكلەرنى ئېزىدىغان ھېكايىسى. ئۇنىڭ ئائىلىسى 2009-يىلىدىكى ۋەقەدىن كېيىنكى زور تۇتقۇن قىلىش دولقۇنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ پەقەتلا بىرى.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە ئىشخانىسى چاقىرىقى داۋامىدا، ئۇيغۇر غايىبلارغا ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بېرىپ، كىشىلەرنى پاتىگۈل غۇلامنىڭ ھېكايىسىنى كەڭ تارقىتىشقا ۋە بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىققا چاقىرغان.

مەزكۇر چاقىرىق نۇرغۇن تور ئابونتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە 400 دىن ئارتۇق كىشى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تور بەت فېيىسبۇك تور بېتىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىمام مەمەتئىلى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. مەسىلەن، ۋىللىيام ئاستىن ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق دېگەن:
-ئۇ چوقۇم زالىم كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆز كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نامايىشقا چىققان مىڭلىغان نامايىشچىنىڭ بىرى ئىدى. خىتاي، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ زېمىنىدىن چىقىپ كەتسۇن. خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا تايىنىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان بىر زالىم.

رېبىكا ۋايت ئىسىملىك بىر تورداش «خىتاي ئەسىرلەردىن بېرى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يۇتۇۋېتىش ئارقىلىق، مۇھىم چېگرا رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇپ، نەتىجىدە، بۈگۈنكىدەك زور دۆلەتكە ئايلانغان» دېسە، تانىكىي ئىسىملىك تورداش «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە قارشى كىشىلەرنى مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن جايلاپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى نومۇس قىلىشى كېرەك. مەن بالىسىنى يوقاتقان ئۇ ئانا ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. شۇنداقلا خىتايدىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ بىر كۈنى دېموكراتىيىگە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن مەخپىي پىلانلار ئارقىلىق ئىگىلىۋېلىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئويغىنىشى ۋە بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.

ئىمام مەمەتئېلى گۇاڭدۇڭدىكى خۇانەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى 2008-يىلى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتتە خىزمەت قىلغان. ئۇ 7-ئاينىڭ 14-كۈنى دوستلىرى بىلەن كوچىدا پاراڭلىشىپ تۇرغاندا 4 دوستى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن، ئىماممەمەت بىلەن بىرلىكتە تۇتۇلغان 4 دوستى قويۇۋېتىلگەن. ئەمما ئۇنىڭدىن خەۋەر بولمىغان. ئۇنىڭ بىلەن بىر كامېردا ياتقان بىر كىشى ئاخىرقى قېتىم ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى، كېيىن ئۇنى ساقچىلار داۋالاتقىلى ئەپ چىقىپ كەتكەندىن بېرى قايتا كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. مانا بۇ ئىمام مەمەتئېلىنىڭ ئاپىسى پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئوغلى ھەققىدە ئالغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرى.

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىشلاردا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتىلەردە مەخسۇس بۇ ھەقتە ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى دوكلات قىلىپ تەييارلاپ چىقىپ، ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرغان ئىدى. بۇ دوكلاتتا ھازىرغىچە يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان 23 ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى، ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرلىرىغىچە تولۇق بېرىلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئىز-دېرەكسىز ۋە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ چوقۇم خىتايدىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ ۋەقەلەردىن خەۋەردار بولۇش، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭ جاۋابىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.