5‏-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ كەچۈرمىشلىرى (3)

خىتاي ساقچىلىرى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتىغا «تېررورچىلار» بىلەن سۆزلەشمەسلىك ھەققىدە تەنبىھ بەرگەن.

0:00 / 0:00

خىتاي ساقچىلىرى 27-ئىيۇل كۈنى 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ، ئىماممەمەتنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامغا، رادىئومىز مۇخبىرى بىلەن سۆزلەشمەسلىك ھەققىدە تەنبىھ بەرگەن. ساقچىلار سۆزىدە رادىئومىز مۇخبىرىنى قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچى ۋە تېررورچى دەپ تونۇشتۇرغان. پاتىگۈل غۇلام ساقچىلارغا «ئۇنداقتا بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بەر ياكى ئۇچۇرىنى بېرىشكە ۋەدە بەر، مەن كۆرۈشۈشنى توختىتاي» دەپ شەرت قويغان. ساقچىلار بۇ ئاددىي شەرتكىمۇ ماقۇل دېيەلمىگەن. نەتىجىدە پاتىگۈلدىن قاتتىق دەككىسىنى يېگەن ساقچىلار، پاتىگۈلنى ئۆز تەربىيىسىگە كۆندۈرەلمەي ئۆيدىن ئايرىلغان.

تۆۋەندە بۇ جەرياننىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

مۇخبىر: يېقىندىن بېرى سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش بولدىمۇ؟

پاتىگۈل: 27-چېسلا، جۈمە كۈنى ئۆيۈمگە بەش ساقچى كەلدى، ھەممىسى ئۇيغۇر ؛ ئارىسىدا تەڭرىتاغ رايونلۇق گوباۋ (دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتى)نىڭ ۋە ساقچىخانىنىڭ باشلىقلىرىمۇ بار.

مۇخبىر: ئۇلار نېمە دېدى؟

پاتىگۈل: ھېلىقى ئادەم بىلەن كۆرۈشۈۋاتامسىز؟ دېدى، مەن شۇنداق كۆرۈشۈۋاتىمەن، داۋاملىق سۆزلىشىۋاتىمىز دېدىم ۋە كۆرۈشسەم نېمە بوپتۇ دېسەم، ئۇ ئادەم شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە تېلېفون قىلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئادەم، ئۇ بۆلگۈچى، تېررورچى دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى. مەن ئۇلارغا، ئەمىسە بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بەر ياكى ئۇچۇرىنى بېرىشكە ئېنىق كۈنىنى بېكىتىپ ۋەدە بەر، مەن سۆزلىشىشنى توختىتاي دېدىم. ئۇلار بىز بۇنداق قىلالمايمىز دېدى.

مۇخبىر: سىزنىڭ جاۋابىڭىز نېمە بولدى؟

پاتىگۈل: روزى -رامزاندا، مەندەك بالىسى يوقاپ كەتكەن ئانىغا مۇشۇ گەپنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ئەقلىڭگە، ۋىجدانىڭغا رەھمەت دەپ تەنە قىلدىم. بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئىككىسى ئورنىدىن قوپۇپ چىقىپ كەتتى. مەن قالغان ئۈچىگە، ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ قولىدىن پوق كەلمىگەندىكىن، قولىدىن ھەر چوڭ ئىش كېلىدىغان خەنزۇ باشلىقلارنى ئېلىپ كېلىشسەڭ بولمامدۇ، مەن شۇنىڭغىلا گېپىمنى قىلمايمەنمۇ، دەپ كايىدىم. ئۇلار يەنە گېپىنى تەكرارلاپ ئۇ (سىز كۆرۈشۈۋاتقان )ئادەم، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە تېلېفون قىلىپ كىشىلەرگە ماددىي ياردەم بېرىدۇ، دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى. مەن، مەن ماددىي ياردەم ئالمىدىم، ماڭا بۇ گەپنى قىلىشما. دۆلەتنى ئوڭ قىلىۋېتەمدۇ دۈم قىلىۋېتەمدۇ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ چاتىقىم يوق، مېنىڭ چاتىقىم بالامنىڭ ئۇچۇرى، ماڭا بالامنىڭ جاۋابى كېرەك. بالام ھەققىدە يا ئۆلدى، يا تىرىك دەپ جاۋاب بەر، مەنمۇ كىشىنىڭ تېلېفونىنى ئالمايمەن، دېدىم.

مۇخبىر: خەققە ماددىي ياردەم قىلىدىغان قانداق تېررورچىكەن ئۇ؟ دەپ سوراپ باقمىدىڭىزمۇ؟

پاتىگۈل: ئۇنداق سورىماپتىمەن. دېگىنىم، ھوقۇقۇڭ بولغاندىكىن، ئۇنداق تېررورچىنى تۇتۇپ كېلىپ جازالىساڭ بولمامدۇ؟ دېدىم، دېسەم، ئۇنداق قىلالمايمىز دەيدۇ. ئۇنداق بولسا تېلېفونۇمنى كېسىۋېتىش، قولۇڭدىن كېلىدىغىنى شۇ، دېسەم ئۇنداقمۇ قىلمايمىز دەيدۇ. مەن بىر رېستورانغا كۆرپە تىكىپ بېرىۋاتقان ئىدىم، شۇ كۆرپىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاتتىم، مەن بالامنى مۇشۇنداق يوتقان -كۆرپە تىكىپ بېقىپ چوڭ قىلغان، ئوقۇتقان؛ مېنى باقىدىغان بالامنى تۇتۇپ كېتىپ يەپكېتىشتىڭ. بالام ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن يوقاپ كەتتى؛ ھەرقايسىڭمۇ ئۇيغۇر، مېنىڭ بالامنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، ئەتە سەن خەقنىڭمۇ بېشىغا كەپ قالمىسۇن، ئىدارەڭدىن مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتكەندە، 3 يىلغىچە بالىسىنىڭ ئۇچۇرىنى بېرەلمىدۇق، قايسى يۈزىمىز بىلەن بارىمىز دەپ ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلىشساڭ بولمامدۇ دېدىم. ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيدىن چىقىشقا ئالدىرىدى، مەن ئالدىنى توسۇپ مېنىڭ گېپىم تېخى تۈگىمىدى دېدىم: ئۇلار بىز دەيدىغىنىمىزنى دەپ بولدۇق، ۋەزىپىمىزنى تۈگەتتۇق دەپ ئۆيدىن ئايرىلدى.

مۇخبىر: شۇنداق قىلىپ، بۇ نۆۋەت كۆرۈشسەڭ، جازالىنىسەن دېگەن گەپنى قىلدىمۇ؟

پاتىگۈل: ياق ئۇنداق دېمىدى، ئاخىرىدا بالىڭىز ھەققىدىلا گەپ قىلىڭ، باشقا گەپلەرنى قىلماڭ دېدى.

مۇخبىر: دېمىسىمۇ كۆرۈشكەندىن ھازىرغا قەدەر بالىڭىزنىڭلا گېپىنى قىلىۋاتىمىزغۇ؟

پاتىگۈل: شۇ. خاتىرە قالدۇرۇۋاتقان بىرىگە دېدىم، باشلىقىڭغا دە، يا مېنى تېررورچى بىلەن سۆزلەشتى دەپ ئاتسۇن، يا بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بەرسۇن. بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بەرگەن كۈنى ئۇ ئادەم ماڭا يەنە تېلېفون قىلسا، بالامنىڭ ئۇچۇرىنى بەردى، ئەمدى ماڭا تېلېفون قىلما دەيمەن، يەنە تېلېفون قىلسا، مەن ئۇ كىشىنىمۇ تىللايمەن، دەپ جاۋاب بەردىم.