2009-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، يەنى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن 38 كۈن ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى دۇكىنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئائىلىسىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئەينى چاغدا 22 ياشقا كىرگەن ئابدۇكېرىم ئابلادىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس.

2009-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 مەزگىلىدە، خىتاينىڭ قارا كىيىم كىيگەن 4 نەپەر ئالاھىدە ساقچىسى، ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى خەلقئارالىق بازارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان ۋە بۇ بازارنىڭ يېنىدىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى زىبۇزىننەت دۇكىنىغا كىرىپ، دۇكاندار ئابدۇكېرىم ئابلانى رەسىمگە تارتىپ چىقىپ كەتكەن. ئارىدىن بىرنەچچە سائەت ئۆتكەندە ئۇلار دۇكانغا قايتا كېلىپ ئابدۇكېرىم ئابلانى ئېلىپ كەتكەن. دۇكاننىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئەھۋالنى سورىغىنىدا قارا كىيىملىك ساقچىلار، ئابدۇكېرىم ئابلانىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئابدۇكېرىم ئابلانىڭ قەشقەر شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان دادىسى، ئوغلىنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۈرۈمچىگە كۆپ قېتىم كەلگەن بولسىمۇ ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن؛ ھەتتا ئوغلىنى تۇتۇپ كەتكەن ساقچىلارنىڭ كىملىكى ۋە خىزمەت ئورنى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر ئالالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە ئابدۇكېرىم ئابلا ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئەتراپتىكى دۇكاندارلاردىن بىرى ساقچىلارنىڭ ماشىنىسىنىڭ پلاكات نومۇرىنى يېزىۋالغان؛ ئەمما كېيىن، ئابدۇكېرىمنىڭ دادىسى بۇ پلاكات نومۇرىنى سورىغاندا دەپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.
ئابلاجان شۇنىڭدىن باشلاپ، تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەن ھەرقانداق بىر كىشىنى ئاڭلىغاندا ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى سورىغان؛ كۆرۈشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئابدۇكېرىم ئابلانى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان؛ پەقەت بەرسىلا، ئابدۇكېرىم ئابلانىڭ رەسىمىگە قاراپ تونۇغان ۋە ئۇنى ئۈرۈمچى شىسەن تۈرمىسىدە كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئابلاجان شىسەن تۈرمىسىگە بارغاندا ئوخشاشلا جاۋابسىز قايتقان. مەزكۇر ئائىلە ئابدۇكېرىم ئابلانى ئىزدەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىجارەتلىرىنى توختاتقان، مال-بىساتلىرىدىن ئايرىلغان.
ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان ئائىلە ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە، ۋەقەنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىماقتا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم كۈتمەكتە.
بۈگۈنگە قەدەر 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن 25 كىشىنىڭ كىملىكلىرى تولۇق ئايدىڭلاشتى. بۇ 25 كىشىدىن ئاز دېگەندە 10 نەپىرى شىسەن تۈرمىسىدە ياتقان. مەسىلەن غايىبلاردىن نەبىجان ئېلى شىسەن تۈرمىسىدىن ئېلىپ چىقىلىپ كوچا ئايلاندۇرۇلغان. ئىماممەمەت ئېلى مىچۈئەن تۈرمىسىگە يۆتكىلىشنىڭ ئالدىدا شىسەن تۈرمىسىدە رەسىمگە تارتىلغان. غايىبلاردىن ئەيساجان ئەمەتمۇ خەلق مەيدانىدا تۇتۇلغاندا ئەڭ ئاۋۋال شىسەن تۈرمىسىگە ئاپىرىلغان. ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، 5-ئىيۇلدىن كېيىن شىسەن تۈرمىسىدىكى تۇتقۇنلار سانىنىڭ ئەڭ كۆپ ۋە تۈزۈمىنىڭ پەۋقۇلئاددە قاتتىق بولغانلىقى مەلۇم. بۇ نۇقتا، غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدا مەزكۇر تۈرمىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلەرنىڭ مىللىي، سىياسىي ۋە ئائىلىۋى ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئويلىنىش پەيدا قىلماقتا.