غايىبنىڭ ئىسمى ئىمىن مۆمىن، 2009-يىلى 28 ياش. 6 ياشلىق بىر ئوغۇل پەرزەنتنىڭ دادىسى بولغان ئىمىن مۆمىننىڭ ياشانغان دادىسى، ئۇ غايىب بولغاندىن كېيىن دەرد-ئەلەمدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ بىر ئاچىسى ۋە ئايالى ئۈرۈمچىدە بىر تەرەپتىن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەپىلەشمەكتە.

ئىمىن مۆمىن قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ، ئۇ 5-ئىيۇل كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋاتقاندا، ئاتبەيگە مەيدانىدىكى بىر ماي ئىسكىلاتنىڭ ئالدىدا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەسلىدە ئۇلار بىللە كېلىۋاتقانلار تۆت كىشى بولۇپ، ساقچىلار توسۇۋالغاندا ئۇلاردىن بىرى يەنى ئىنىسى ئارقىسىغا يېنىپ قېچىپ قۇتۇلغان؛ قالغان ئىككىسى يەنى ئىككى دوستىمۇ تۇتۇپ كېتىلىپ، بىرى بىرقانچە ئايدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن، يەنە بىرى 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئەمما، ئىمىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان.
ئۇنىڭ ئاچىسى ۋە ئايالى سۈرۈشتە قىلىپ بارغىنىدا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇنداق بىر كىشىنىڭ تىزىمى يوقلۇقىنى ئېيتقان؛ مەلۇم بىر ئورۇن ئۇنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تىزىمغا ئالغان، ئەمما ئائىلىسىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغان. ئىمىن مۆمىننىڭ ئاچىسى ئۈرۈمچىدىكى دىيەنتەي ساقچىخانىسىغا بارغاندا، بىر نەپەر ساقچى ئىمىن مۆمىننىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ، ئۇنى مۇشۇ ساقچىخانىدا سوراق قىلىنغان بىرىگە ئوخشاتقانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئېنىق ۋە كېسىپ گەپ قىلالمىغان.
ئوغلى ئىمىن مۆمىننىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ياشانغان ئاتا، ئۆتكەن يىلى دەرد-ئەلەم بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئاچىسى، ئايالى ۋە بىر بالىسى ئۈرۈمچىدە ياشىماقتا. ئىككى ئايال بىر تەرەپتىن، تازىلىق ئىشچىلىقى، قۇرۇلۇش ئىشى ۋە ھەتتا بەزىدە پاختا تېرىش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ساقچىخانىلار ۋە قاماقخانىلارغا بېرىپ غايىبنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالماقتا.
يۇقىرىدا 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 22-قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار. بۈگۈنگە قەدەر ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدا جەمئىي 27 كىشىنىڭ كىملىكلىرى تولۇق ئايدىڭلاشتى. بۇلارنىڭ 11 نەپىرى ئۈرۈمچىدىن، 9 نەپەر قەشقەردىن، 5 نەپىرى خوتەندىن ۋە 2 نەپىرى ئاقسۇدىندۇر.