پەتىچى ئايالنىڭ 18 ياشلىق نۇرۇلئىسلامنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھازىدار ئانا ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرى

بۇلتۇر خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن 18 ياشلىق نۇرۇلئىسلامنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە جەمئىيەتتە ئۇنىڭ تۈرمىدە قىيىن-قىستاقتا ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشنىڭ ئالدىدا تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقالغان.

0:00 / 0:00

ئەينى چاغدا مۇخبىرلىرىمىز بۇ ھەقتە خىتاي ساقچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، ساقچىلار يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى ئىنكار قىلغان ياكى سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئىدى. مۇخبىرىمىز يېقىندا، نۇرۇلئىسلامنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلۈم پەتىسىگە بارغان يەنە بىر دەردمەن ئايالنى زىيارەت قىلدى. پەتىچى ئايال نۇرۇلئىسلامنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە، ھازىدار ئانىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى. ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نۇرۇلئىسلامنىڭ تۈرمىدىكى چېغىدا ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ بىر گۇناھى سۈپىتىدە ئائىلىسىگە ئۇقتۇرغان. نۇرۇلئىسلامنىڭ ئانىسى پاشا داۋۇت، پاجىئەدىن خىتاي ساقچىلىرىنى جاۋابكار تۇتۇپ قارشىلىق بىلدۈرگەن.

5-ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇنلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بالىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ھۆكۈمەتتىن ئالالمىغاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش ۋە ئۆز-ئارا يول سوراش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ دەردلىرىگە يېتىشكەن. بۇلتۇر 18 ياشلىق نۇرۇلئىسلام تۈرمىدە جان ئۈزگەندە، 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، نۇرۇلئىسلامنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلۈم پەتىسىگە بېرىپ ھال سورىغان.

ھازىدار ئانا پاشا داۋۇت، ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەنلەرگە ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نۇرۇلئىسلام جان ئۈزۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئانىسى پاشا داۋۇتنى دوختۇرخانىغا چاقىرتقان. ئوغلىنىڭ بەدىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان ئانا، خىتاي ساقچىلىرىغا ئىسيان كۆتۈرگەن؛ ئۇلارنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ساقچىلار بولسا، نۇرۇلئىسلامنىڭ ئاجىزانە ھالىتىنى تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەتىسى ساقچىلار ئائىلىگە نۇرۇلئىسلامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزگەن.

غەزەپلەنگەن ھەم پەرياد چەككەن ئانا خىتاي ساقچىلىرىدىن ئوغلىنىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلغان. ساقچىلار جەسەتنىمۇ بەرمىگەن. ھازىدار ئانا ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ئۆيىگە ئەكېتىشكە قانچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئامال بولمىغان؛ ئاخىر ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە شەھەردىكى بىر مەسچىتتە نامىزىنى چۈشۈرگەن. نۇرۇلئىسلامنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى مېيىتنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بەلگىلەنگەن بىر جايغا دەپنە قىلدۇرماقچى بولغان؛ ئەمما ھازىدار ئانىنىڭ قاتتىق قارشىلىقى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ يەرلىكىنى تاللاشنى ئانىنىڭ ئىختىيارىغا قالدۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرۇلئىسلام، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق سودا نازارىتى نازىرى داۋۇت قۇرباننىڭ نەۋرىسى، ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قادىر مەمەتنىڭ قېيىن ھەدىسىنىڭ ئوغلى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ئائىلىنىڭ سىياسىي تارىخى، نۇرۇلئىسلامنىڭ ھاياتىغا كېپىل بولالمىغان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، ئۆتمۈشتە خىزمەت قىلغان، ھېلىھەم خىزمەت ئۆتەۋاتقان بۇ ئائىلە، 18 ياشلىق پەرزەنتىنىڭ جەسىتىگىمۇ ئىگە بولالمىغان. ھەيران قالارلىقى، بۇ پاجىئە گەرچە، نۇرۇلئىسلامنىڭ ئانىسى پاشا داۋۇتنىڭ يۈرىكىنى ئەزگەن بولسىمۇ، بۇ ئائىلىنىڭ غوللۇق ئەزاسى قادىر مەمەتكە تەسىر قىلمىغان. قادىر مەمەت ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى مۇئاۋىن باشلىقلىق مەنسىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەقسىزلىققا سۈكۈت قىلغان، پاجىئەگە كۆز يۇمغان.