تۇرسۇناخۇن ھەسەن غايىب ئوغلىنى تۇتۇپ كەتكەن ساقچىنى قەشقەر يېڭىشەھەردە تونۇۋالدى

خىتاي ساقچى ئورگانلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشلىرىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، غايىپلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا غايىبنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغىنىغا ئائىت ئىسپات ئەكېلىشنى تەلەپ قىلىشماقتا.

0:00 / 0:00

2009-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، غايىب بولۇپ كەتكەن جۈمە تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىمۇ مۇشۇ خىل سوئالغا دۇچ كەلگەنلەردىن بىرى. جۈمە تۇرسۇننىڭ دادىسى تۇرسۇناخۇن ھەسەن، ئىسپات تەييارلاش ئۈچۈن ئوغلىنى تۇتۇپ كەتكەن ساقچىنى ئىككى يىل ئىزدىگەن، ئاخىرى مەزكۇر ساقچىنى قەشقەر يېڭىشەھەردە تونۇۋالغان. ساقچى بولسا ھودۇققان ھالەتتە، بىر قىسىم زىت گەپلەرنى قىلىپ جۈمە تۇرسۇننى تۇتقانلىقىدىن تېنىۋالغان.

جۈمە تۇرسۇننى تۇتۇپ كەتكەن ساقچى ئىككى نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى خىتاي، بىرى ئۇيغۇر. ساقچىلار ئەينى چاغدا جۈمە تۇرسۇننى ئېلىپ ماڭغاندا، ئۆزلىرىنىڭ كىملىكى ۋە قايسى ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. شۇڭا تۇرسۇناخۇن، ئوغلىنى تۇتقان ساقچىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ساقچىخانىسىغا بارغان؛ ئەمما ئۇ بۇ يەردە ئوغلىنى تۇتقان ساقچىنى ئۇچراتمىغان. ئاندىن ئۇ بىر تاكسىنى كىرا قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى 100 دىن ئارتۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، ساقچىخانىلاردىكى ساقچىلارنىڭ رەسىملىرىگە قاراپ چىققان؛ ئۇ يەنىلا ئىزدىگەن ساقچىنى تاپالمىغان. ئۇ يېقىندا، بىر ئىش بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەرگە بارغاندا، ئىككى يىلدىن بېرى ئۆزى ئىزدەۋاتقان ساقچىنى ئۇچراتقان.

5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان جۈمە تۇرسۇننىڭ ئالىسىدىكىلەر.
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان جۈمە تۇرسۇننىڭ ئالىسىدىكىلەر. (RFA/Shohret Hoshur)

ئۇ ساقچىنى تونۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئىپادە بىلدۈرمىگەن؛ ئۇ ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ غايىب ئوغلىنىڭ رەسىمىنى ئېلىپ ئايالى بىلەن بىرلىكتە يېڭىشەرگە قايتا بارغان. تۇرسۇناخۇننىڭ ئايالىمۇ ئوغلىنى تۇتقان ساقچىنى تونۇغان ۋە ئۇلار، ساقچىغا ئوغلىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ، ئوغلىنى قايسى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى سورىغان. ساقچى جۈمە تۇرسۇننىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ سەل جىددىيلەشكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە تازىلاشقا بارمىغانلىقىنى ۋە يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئىككى كۈندىن كېيىن قايتا كۆرۈشۈشنى تەۋسىيە قىلغان؛ قايتا كۆرۈشكەندە بولسا، ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىدىنمۇ تېنىۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەتجان ئابلەت، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ۋە ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى. ئۇ غايىب جۈمە تۇرسۇننى تۇتقانلىقىدىن تېنىۋالماقتا. بىر دۆلەتنىڭ ساقچىسى، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئادەم تۇتۇشتىن ئىبارەت ئادەتتىكىچە بىر ئىجرائاتىدىن تېنىۋالىدۇ؟ مانا بۇ سوئال، غايىبلارنىڭ جۈملىدىن جۈمە تۇرسۇننىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.