غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
2012.08.28
1500 يۈەندىن 4500 يۈەنگە قەدەر ئوخشىمىغان مىقداردا پۇل تاپشۇرۇۋالغان 20 گە يېقىن ئائىلە، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار سۆزىدە، پەرزەنتلىرىنى يوقىتىپ قويغان 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق بىر تارمىقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سوراپ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مەشرەپ ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ خەزىنىسىدە ساقلىنىۋاتقان 2500 دوللار پۇلنى، بۇ قېتىمقى روزى ھېيت ھارپىسىدا 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم قىلدى. بۇ ھېيت مەزگىلىدە يەنە، مەزكۇر ئائىلىلەرگە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 2000 دوللار، ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان 3 نەپەر ساخاۋەتچى بولسا 2000 دوللار پۇل ياردەم قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پۇللار غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 15 ئائىلىگە، مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 3 ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئەۋەتىلگەن بۇ پۇللار گەرچە مەزكۇر ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە بولمىسىمۇ، بۇ پۇل ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن مىللىي مېھرى-مۇھەببەت خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەزكۇر ئائىلىلەرنىڭ قەلبىنى ئېرىتكەن.
غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن مەمەت بارات ئائىلىسى:
-ئوغلۇم يوقىلىپ كەتكىلى 3 يىلدىن ئاشتى. ئىككى بالىسى ۋە كېلىنىمنى باقىدىغان ئوغلۇم يوق. بىر يەردىن كەلگەن بىر پۇڭ ياردەم يوق. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردەم پۇلى قولىمىزغا تەگكەندە ئۆيدە ھەممىمىز يىغلىشىپ كەتتۇق.
غالىبلاردىن ئاباخۇن سوپۇر ئائىلىسى:
3100-يۈەن تاپشۇرۇپ ئالدىم، قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
مۇخبىر: بۇ پۇلنى ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك بولمىغاندۇ؟
-ھازىرغىچە بولمىدى. سوراپ سۈرۈشتە قىلغۇچىلار بولسا، بېرىدىغان جاۋابىم تەييار.
مۇخبىر: نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟
-ئائىلە ۋە بالامنى باقىدىغان دادىسىنى يەپ كېتىشتىڭ، كىمدىن، دۇنيانىڭ نەرىدىن ياردەم كەلسە، قوبۇل قىلىمەن. ئەگەر قىلغىنىڭ خاتا دېسەڭ، يولدىشىمنىڭ ئۇچۇرىنى بەر، دەيمەن.
ئەيساجان ئەمەت ئائىلىسى:
-ھېيتنى بىر كۆزىمىز ياش، بىر كۆزىمىز يىرىڭ ھالەتتە ئۆتكۈزدۇق؛ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندۇق. ھۆكۈمەتنىڭ دىباۋ(تۆۋەن كاپالەت) پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرۈۋاتىمىز. بالىمىزنى ئىزدەش جەريانىدا تارتقان زىيىنىمىزنى سورايدىغان ھېچكىم يوق. مۇشۇ كۈنلەردە ھالىمىزنى سورىغان، دەردىمىزگە يەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا مىڭ رەھمەت.
نەبىجان ئېلى ئائىلىسى:
-4800 يۈەن تاپشۇرۇپ ئالدىم، 500 يۈەننى روزىخانغا (تۇدىمەمەت تۇرسۇننىياز ئائىلىسى)، 1000 يۈەننى قاراسايلىق ئايالغا(ئەخمەتجان جۈمە ئائىلىسى) بەردىم؛ مەھەللىدە يەنە ھېيت ئۆتكۈزەلمىگۈدەك ئەھۋالدا ئىككى ئائىلىگە 500 يۈەن بەردىم؛ ئۆزۈمدە 2800 يۈەن قالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەر، غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن نەبىجان ئېلى ئائىلىسىگە 4800 يۈەن ئەۋەتىپ، 3300 يۈەننى ئۆزىگە قالدۇرۇشنى ۋە 1500 يۈەنىنى يەنە بىر ئائىلىگە بېرىشىنى تاپىلىغان. ئەمما بۇ ئائىلە بۇ پۇلنى 5 ئائىلىگە تەقسىم قىلغان. يەنى ئۆزىگە بېرىلگەن پۇلدىن 500 يۈەننى باشقىلارغا ياردەم قىلغان. ساخاۋەتچىلەر يەنە غالىبلاردىن ئەيساجان مەمەت ئائىلىسىگە 6000 يۈەن ئەۋەتىپ، بۇ پۇلدىن 4000 مىڭ يۈەننى ئۆزىگە قالدۇرۇپ 2000 يۈەننى يەنە بىر ئائىلىگە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئەمما بۇ ئائىلىمۇ پۇلنى تەڭ تەقسىم قىلىپ، تەقدىرداش ئائىلىنىڭ ھالىغا يەتكەن.
ياردەم پۇل تەقسىماتىدىكى بۇ كىچىك ئىشلار، خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايەتچى دەپ تۇتۇپ كەتكەن ۋە ھازىرغىچە ئۇچۇرى بېرىلمەيۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانداق بىر ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. يەنى ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىنساپ ۋە دىيانەتلىك ئائىلىلەردە چوڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خىتاي گۇمان قىلغاندىكىدەك، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئېھتىماللىقىنى ئىنكار قىلماقتا.