2009 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۆزلىرىنى قەشقەردىن كەلگەن ساقچى دەپ تونۇشتۇرغان ئىككى كىشى، دۆڭكۆۋرۈكتە كىيىم - كېچەك سودىسى قىلىۋاتقان ئەكبەر تۇرسۇننى دۇكىنىدىن ئېلىپ كەتكەن. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئەكبەر تۇرسۇننىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس؛ ئەكبەر تۇرسۇننىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەكبەر تۇرسۇننى ئېلىپ كەتكەن ئىككى ساقچىنىڭ كىملىكلىرىمۇ ھازىرغىچە ئېنىقسىز. بۇ مەخسۇس پروگرامىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئەكبەر تۇرسۇننىڭ كىملىكى بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر دەرتمەن ئاتىنىڭ غايىپ بولغان ئوغلىنىڭ ئىلگىرى قايسى تۈرمىدە ياتقانلىق ئۇچۇرىنى 5,000 يۈئەنگە سېتىۋالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئاڭلىغىنىڭلار، ئەكبەر تۇرسۇننىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ غايىپ بولۇش جەريانى. مەلۇم بولۇشىچە، ئائىلىلەرنىڭ غايىپ بولغانلارنى ئىزدەش جەريانىمۇ بىر - بىردىن پەرقلىق. بەزىلەر ھۆكۈمەتتىن ئادالەت كۈتۈپ، 6 ئايغىچىمۇ ئىز - دېرىكىنى قىلمىغان؛ ياكى ئىز - دېرىكىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىغان؛ بەزىلەر تاكى بېيجىڭغا قەدەر داۋا قىلىپ بارغان. بەزىلەر بۇ جەرياندا ساقچىلار بىلەن سوقۇشقان، بۇ سەۋەبلىك قوللىرىغا كويزا سېلىنىپ قاماقتا ياتقان؛ يەنە بەزىلەر ئوغلىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پۇل سوۋغا قىلغان. مەسىلەن ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان، بىر دەرتمەن ئاتا، ئوغلىنىڭ ئىلگىرى شىسەن قاماقخانىسىدا ياتقانلىق ئۇچۇرىنى بىر ئەمەلداردىن 5,000 يۈئەنگە سېتىۋالغان. مەزكۇر ئەمەلدار، بۇ ئاتىغا يەنە 300مىڭ يۈئەن بەرسە ئوغلىنى تېپىپ قويۇپ بەرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بىراق بۇ ئاتىنىڭ بۇنچىلىك پۇلغا قۇربى يەتمىگەچكە، ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا چارىسىز قالغان.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا «5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار» ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 14 - قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.
0:00 / 0:00