2009-يىلى 36 ياشتا بولغان تاھىرجان ئەبەي، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىككى كۈن كېيىن، نورمال كۈندىلىك ھاياتى بويىچە سېرىق ئاش ساتىدىغان ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ ئەمما قايتىپ كەلمىگەن.
ئائىلىسى ئۇنى ئىزدەپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بارغىنىدا دائىرىلەر تاھىرجاننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغىنىغا ئائىت ئىسپات تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئائىلە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەچكە، دائىرىلەر، تاھىرجاننىڭ غايىب بولۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشمەكتە؛ تاھىرجاننىڭ ئانىسى ھېپىزەم، 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى 2 ھەپتە ئىچىدە ساقچىلارنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى جاۋابكار تۇتماقتا.
ھېپىزەم كېرەم 33 ياش ۋاقتىدا يولدىشى ۋاپات بولغان. ئۇ 8 ياشلىق ئوغلى تاھىرجان ۋە 3 ياشلىق قىزى ئارزۇگۈلنى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تازىلىق ئىشچىلىقى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان. ئانىسىنىڭ جاپالىق ھاياتىنى كۆرۈپ توغرا يولدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئارزۇگۈل، قىڭغىر يولدىن ئۈمىد كۈتۈپ، شاڭخەيدە خىروئىن ئەتكەسچىلىكىگە ئارىلاشقان. قىڭغىر يول ئۇنى 15 يىللىق تۈرمە ھاياتىغا ئېلىپ ماڭغان.
ھېپىزەم كېرەمنىڭ ئوغلى تاھىرجان ئەبەي، ئانىسىنىڭ جاپالىق، ئەمما ھالال تۇرمۇش يولىغا ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ كاۋاپ ۋە سېرىق ئاش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 7-ئىيۇل كۈنى سېرىق ئاش ۋە كاۋاپدىنى بېسىلغان ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ چىقىپ كەتكەن پېتى قايتىپ كەلمىگەن. نۆۋەتتە ھېپىزەم كېرىمنىڭ ئەتكەسچى قىزى شاڭخەيدە تۈرمىدە، ئۇنىڭ مېھنەتكەش ئوغلى تاھىرجان ئەبەي 3 يىلدىن بېرى غايىب؛ ھاياتنىڭ توغرا يولىمۇ، قىڭغىر يولىمۇ، ھېپىزەم كېرەم ئائىلىسىگە تىنچلىق بەرمىگەن. نۆۋەتتە ھېپىزەم كېرەم، مەھبۇس قىزىنىڭ 3 بالىسى ۋە غايىب ئوغلىنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ 5 بالا بىلەن بىرلىكتە، جەمئىيەتتە تېمىتقۇ دەپ ئاتىلىدىغان تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرمەكتە.