غەربنىڭ سەلبىي قارىشى خىتاينىڭ مىللىي باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

غەرب دېموكراتىك ئەللىرى خەلقلىرىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي كۆز قارىشىغا يالغۇز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭمۇ مۇھىم بىر سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئېلىنماقتا.

0:00 / 0:00

ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مەتبۇئاتلىرىدا غەربلىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان بۇ خىل سەلبىي قاراشلىرىنى خىتاينىڭ تىز باش كۆتۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تەھدىت ھېس قىلىۋاتقانلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېلان قىلغان " گېرمانلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى رادىكاللىق ئىچىدە ئايلانماقتا " ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي ئالاقىلىرى 10 يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمان خەلقى ئالدىدىكى دۆلەت ۋە خەلق ئوبرازىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بولغان.

خەۋەردە 2009 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب يەرمەنكىسى مىسالغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەرمەنكىدە ساھىبخان دۆلەتلىك شەرىپىگە ئېرىشكەن خىتاي تەرەپ بولسا، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ۋە خىتايغا قارشى پىكىردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. كۆلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايشۇناس توماس زىممەر ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆز ئوبرازى ئۈچۈن ھاقارەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمەلىيەتتە، خىتاي تەرەپ بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى توسۇپ قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان قارشى ئېقىمدىكى كىشىلەر بۇ يەرمەنكىدە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەپ نۇتۇقلار سۆزلىگەن.

خەۋەردە، گېرمانلارنىڭ خىتايغا بولغان تارىخى قاراشلىرى تىلغا ئېلىنىپ، تاكى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە گېرمانلارنىڭ خىتاينى "ئىستىقبالى يوق مىللەت، تىرىك مۇردىلار" دەپ قارايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى گېرمانلارنىڭ خىتايغا سەلبىي كۆز قاراشتا بولۇشىغا، ئاساسلىقى خىتاينىڭ تىبەتلىكلەر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە ھەم رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ گېرمانىيە خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە بەلگىلىك تەسىرى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

"گېرمانلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى رادىكاللىق ئىچىدە ئايلانماقتا " ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە خەلق رايى تەتقىقات مەركىزى ب ب س قانىلى ئارقىلىق يېقىندا خەلقئارالىق بىر راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، غەرب ئەللىرى پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنى ئېنىقلىغان بولۇپ، نەتىجىدە 71% گېرمان خەلقىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. گېرمانىيىلىك خىتايشۇناس داگمار لورەنز بولسا، گېرمانلارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىنىڭ بۇ قەدەر يامان بولۇشىنى خىتاينىڭ تىبەتلەرنى باستۇرۇشى ۋە خىتايدىكى ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا باغلىغان.

ھازىر گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان ۋە پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ سانى 80 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ خىتايلار ئىچىدە ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ سادىر بولۇشىمۇ، گېرمانلارنىڭ خىتايلارنى يامان كۆرۈشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار قاتارىدا سانالماقتا. گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە ئاخباراتلىرىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.