ۋىليام رېينش: خىتاينى غەربچە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىغا تەرتىپلىك سىڭىپ كېتەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىش بىر قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى خىتاينىڭ غەرب دۇنياسى ياراتقان ھەر خىل تۈزۈلمىلەرنى ئىزچىل سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ئەھۋالىنى باھالاش كومىتېتى رەئىسى كومىتېتنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ئەھۋالىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ 2011-يىللىق دوكلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان. دوكلاتنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كومىتېت رەئىسى ۋىليام رېينش دوكلاتنى چۈشەندۈردى ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

بۇ يىللىق دوكلات 400 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، دوكلاتتا ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە 2011-يىلىدىكى ئۆزگىرىشلەر، خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلار، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئۆز-ئارا سالغان مەبلەغلىرى، يەرلىك كەشپىياتلار ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، خىتاينىڭ «12-بەش يىللىق پىلانى» ۋە تېخنىكا يېڭىلىقلىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە ئائىت بايقاشلار تونۇشتۇرۇلغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئىچكى ئىككىلىنىشلىرى، خىتاينىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىسى، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىگۈچىلەر، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق خەۋپسىزلىككە ئائىت مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلاتتا بايقالغان مەزمۇنلار ھەققىدە توختالغان كومىتېت رەئىسى رېينش خىتاي ئۆتكەن يىلدىن بۇيان بەزى تەرەپلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىغا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نەچچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەي. خىتاي ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان بىر سىستېمىنى ھازىرغىچە تۇرغۇزغىنى يوق. بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن تەلەپ قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتايدا سودا قىلىۋاتقان ئامېرىكا سودىگەرلىرى ۋە يۇمتال شىركەتلىرى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قانۇنسىز يۇمتال بازىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا. خىتايدىكى ھەر 10 كومپيۇتېرنىڭ 8 ئىگە قانۇنسىز يۇمتال قاچىلانغان.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈكنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالماسلىقى ئامېرىكىنىڭ كەشىپ قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ زور سودا ئارتۇقچىلىقىغا ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىللىق دوكلاتتا خىتاينىڭ ئون يىل ئاۋۋال دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئورۇنلىمىغانلىقى ئالاھىدە تىلغان ئېلىنغان.
دوكلاتتا ئىقتىسادىي بايقاشلاردىن باشقا، خىتاينىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىسى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ يىل راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئاۋىئاماتكا قاتارلىقلارنى سىناق قىلغانلىقى، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالىرىنى ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ كۆچۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمى ھەققىدە توختالغان ۋىليام رېينش مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى بار. ئەمما كومىتېتىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر نۇقتا بولسا، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدىكى خۇپىيانىلىكتۇر. بۇ خىلدىكى خۇپىيانىلىكلەر خاتا چۈشىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسەلگەنسېرى خەلقئارا سەھنىلەردە بارغانچە تەكەببۇرلۇق قىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۆز دۆلەت مەنپەئىتىنى رايون ۋە دۇنيا خەۋپسىزلىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇشنى خالايدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ۋىليام رېينشنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى مەسئۇلىيەت قارىشى ۋە غەرب قىممەت قارىشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى جەھەتتىكى بايانلىرى ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا سۆزلىگەنلىرى ئىچىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: سابىق ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت زوئېللىك ئون يىلنىڭ ئالدىدا خىتاينى خەلقئارا سەھنىدە «مەسئۇلىيەتچان دۆلەت» بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ چاقىرىقىدىن 10 يىل كېيىن بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، خىتاينى، ئاشۇ خىتاي 150 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرتىپ، رەت قىلىپ كېلىۋاتقان غەربچە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سىستېمىغا تەرتىپلىك ۋە تاپ-تازا سىڭىپ كېتەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىش بىر قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىمۇ ئۆز ئۆمرىنى غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ئەھۋالىنى باھالاش كومىتېتى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش مەقسىتىدە 2001-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

كومىتېت شۇندىن ئېتىبارەن ھەر يىلى بىر دىن يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي سىياسىتى ھەققىدە ئىشلىنىشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە مەسلىھەت بېرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.