مەزكۇر ئەسەرنى ھازىر ياپونىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى ليۇ يەنزى قاتارلىق كىشىلەر تەرجىمە قىلغان بولۇپ، كىتاب جەمئىي 4 باب، 470 بەتتىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندى 1999-يىلىدىن 2006-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا مەخپىي ھالدا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆزى كۆرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلىغان ۋەقەلەرگە ئاساسەن يېزىپ چىققان بۇ كىتابىنى 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تەيۋەندە نەشر قىلدۇرغان. مەزكۇر كىتاب ھازىر خىتايدا چەكلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاي تور بەتلىرىدە كىتاب ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
زكۇر كىتاب باشقا خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابى ۋە تەتقىقاتىدىن زور پەرق قىلىدىغان تەكشۈرۈش دوكلاتى بولۇپ، چەتئەلدىكى ۋە خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىشى قىممىتى زور، كىتابتا دېيىلگەن ۋەقەلەر ناھايىتى مۇھىم ۋەقەلەر بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، چەتئەلدىكى بەزى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دەھشەتلىك سىياسىي زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
مەزكۇر كىتاب ياپونىيىدە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىنكاسلار ئېلان قىلىنغان.
بىز مەزكۇر كىتاب ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.