غەيرەت نىياز ئۈستىدىن يىپىق سوت ئېچىلدى

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئورگانلىرى، بۈگۈن 23 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن، بۇلتۇر 1 - ئۆكتەبىر كۈنى "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن" دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز دېلوسى ئۈستىدىن يىپىق سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن ئەتىگەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن يېپىق ھالەتتە ئېچىلغانلىقىنى، سوتقا پەقەت غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى ۋە بىۋاسىتە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىلا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى رىسالەت خانىم ۋە غەيرەت نىيازنىڭ باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتى بار - يوقلۇقىنى سورىغىنىدا، ئىلھام توختى ئەپەندى ھازىر رىسالەت خانىمنىڭ ھەم غەيرەت نىيازنىڭ ياشىنىپ قالغان ئانىسىنىڭ كەيپىياتىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىنى، شۇڭا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۈرۈمچىدىكى غەيرەت نىيازنى نىسبەتەن ياخشى بىلىدىغان كىشىلەرگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غەيرەت نىياز دېلوسى ئۈستىدىن بۈگۈن ئەتىگەن سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، بىر ئادۋوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇمۇ غەيرەت نىياز ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ھەققىدىكى خەۋەرنى كەسىپداشلىرىدىن ئاڭلاپتۇ.

بۇ ئادۋوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەيرەت نىياز دېلوسى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ئادەتتە سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەر ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوت يېپىق ھالەتتە، ھەتتا مەخپىي ئېچىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا ھازىرچە سوتقا پەقەت غەيرەت نىيازنىڭ ئايالى ۋە بىرنەچچە يېقىن ئۇرۇق تۇغقانلىرىلا قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ئادۋوكات بىزگە، ئادەتتە بۇ خىل دېلولارغا ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئادۋوكات بەلگىلەپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئائىلىدىكىلەر ئۆزلىرى ئايرىم ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشنى خالىسا، ئۇ چاغدا ئۆزىگە ئوخشاش ئادۋوكاتلارنىڭ بۇ خىل دېلولار ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە، نۆۋەتتە غەيرەت نىياز ھەم ئۇنىڭ ئايالى رىسالەت خانىم، غەيرەت نىيازنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەم غەيرەت نىيازنى بىلىدىغان دوستلىرىنىڭ غەيرەت نىياز ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ھازىر غەيرەت نىياز دېلوسى ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ھازىر مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ئادۋوكات بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشلار سەۋەبىدىن تۈزۈكرەك ئۇخلىمىغىلى 30 سائەتتىن ئاشقانلىقىنى، شۇڭا تۈنۈگۈندىن بۇيان، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن دائىرىلىرىنىڭ غەيرەت نىيازغا ئوخشاش، كومپارتىيىگە سادىق، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەكلىپ سۇنغان بىر كىشىنىڭ، پەقەت چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈنلا "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن" ياكى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان" دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇ خىل ھۆكۈمنى ئۆزى ھەم نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەيرەت نىياز ئەپەندى، 2009 - يىلى يۈز بەرگەن " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەققىدە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە رايوندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈنلا، 2009 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن"دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھەم خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەيرەت نىياز ھەم بۇلتۇر " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، "ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە قۇتراتقۇلۇق قىلغان" دەپ ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. لېكىن ھازىرغىچە خىتاي قانۇن ئورگانلىرى پەقەت غەيرەت نىياز ئۈستىدىنلا سوت ئاچقان بولۇپ، غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلارنى ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان، دەپ قولغا ئالغان ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئەنسىرەتمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.