خىتاي قانۇن دائىرىلىرى ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىغا " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن"، " تور بەتلىرىدە قۇتراتقۇلۇق قىلغان"،"دۆلەتنى پارچىلاش سۇيىقەستىدە بولغان" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئۇلارغا ئېغىر جازا بەرگەن ئىدى. بۇ، دۇنيا جامائەتچىلىكىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولماقتا.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئەركىنلىك سارىيى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى " پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى.
30 - ئىيۇل جۈمە كۈنى، خىتايدىكى بىر قىسىم داڭلىق خىتاي پائالىيەتچىلىرىمۇ، "ئۇيغۇربىز" تور بېتى ساھىبى ئىلھام توختىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، خىتاي تور بەتلىرى ھەم خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى.
جۈمە كۈنىدىن باشلاپ، بۇ پائالىيەت ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ۋە، ياخۇ، فەيسبوك قاتارلىق خەلقئارا تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
مەزكۇر ئىمزا توپلاش پائالىيىتى خىتاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خەتكە 23 نەپەر خىتاي زىيالىيسى ئىمزا قويغان. ئۇلار باياناتىدا، غەيرەت نىيازنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قىلغان سۆزىدە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى تەبىئىي بايلىق ۋە تەرەققىياتتىن خىتايلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقى"ھەققىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن " پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى ئۈستىدىن پىكىر بېرىش ئەركىنلىكى بار" دېگەن قانۇن - بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، غەيرەت نىيازنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ختايدا ئېلىپ بېرىلغان "خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى"ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە، بۇ ھەرىكەتنىڭ قوزغىلىشى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ھەم ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىن چىقارغان بۇ ئادالەتسىز ھۆكۈمىنىڭ، ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتايدا نارازىلىق قوزغىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن " پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ" دېگەن ماددىنىڭ خىتايدا ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشىغا نىسبەتەن نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دەپ، ئۇيغۇربىز، دىيارىم، شەبنەم، سەلكىن قاتارلىق 100 لىگەن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقىغاندىن كېيىن، "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەققىدە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 5 - ئاي مەزگىلىدە، ئۇيغۇر تور بەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن شارائىتتا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، ئۆز يېنىدىن ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، تور بەتلىرىنى قۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە 260 تىن ئارتۇق تور بېتىنى تىزىملاپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىش جەھەتتە زور تۆھپە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئۇچۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، ھەم تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ تەكرارى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى قارىلاپ، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى جازالىشى، پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مەنىۋى ھاياتتىن زوق ئېلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىشى ئۇيغۇرلار مەنىۋى ھاياتىدىكى زور بىر يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
دىيارىم تور بېتىنىڭ چەتئەلدىكى ساھىپلىرىدىن بىرى بولغان دىلمۇرات پەرھات، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ " شاۋگۈەن ۋەقەسى" ھەم " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دە ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار" دەپ دىلشات پەرھات قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى، جازالىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى مۇشۇنداق ئېغىر جازالاش ئارقىلىق، پۇقرالار مەتبۇئات ۋە تور بەتلىرىدە ئۆز پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل " قاتتىق جازالاش تەدبىرى"نىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، خەلقنىڭ تور بەتلىرى ھەم باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاي زىيالىيلىرى ئىمزا قويغان باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، ئەگەر غەيرەت نىيازغا بېرىلگەن 15 يىللىق قاماق جازاسى ئىجرا قىلىنسا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى كەيپىياتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىغانلىقى، بىر قىسىم رادىكال قارشىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ژۇرنالىست ھەم تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىن بۇ قەدەر ئېغىر ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، غەيرەت نىياز ھەم دىلشات پەرھات، نۇرئەلى ئوبۇلقاسىم، نىجات ئازاد قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ، بۇ قېتىم بۇنداق ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ رايونغا يېڭىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەن ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە بولغان گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، رايوندا ھۆكۈمەتكە قارشى رادىكال كۈچلەرنىڭ كۆپىيىپ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.