ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسىسى غەيرەت توختى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ھەققىدە سۆھبەت

ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنى تولۇق قوللىنىشتا خىتاينىڭ توسالغۇسىغا دۇچ كېلىپ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا توسۇۋەتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالماقتا.

0:00 / 0:00

كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش ۋە خىزمەتلەردە قۇلايلىق ياراتتى. كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت پەن ‏- تېخنىكا خىزمەتلەردە ۋاقىت ۋە ئادەم كۈچىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ئىنسانلارنىڭ ھەر ئائىلىدە ۋە ئىشخانىلاردا بولمىسا بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ياپونىيىدىن ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەركىزىدە، ئىستانبۇلنىڭ ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا، ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئىجادىيەتلىرى، تەتقىقاتلىرى ۋە ياپونىيىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا، كومپيۇتېر تەرەققىياتى ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

2 سائەت داۋام قىلغان بۇ لېكسىيىگە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ قىسمى قاتناشتى.

بۇ ھەقتە بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھېمىت قاراخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز يەنە، غەيرەت توختى ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر ‏- تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان توسالغۇ ۋە چەكلىمىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

غەيرەت توختى 1967 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى ئاقسۇدا تۇغۇلغان، ئۈرۈمچى سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ 1989 ‏- يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن. 1997 ‏- يىلغىچە ئاقسۇدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان كېيىن 1998 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدا ياپونىيىگە بېرىپ كاناگوۋا سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. غەيرەت توختى ھازىر ياپونىيىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسى ياماتو شەھىرىدە بىر يۇمشاق دېتال ماتېرىيال شىركىتىدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.