شۇڭا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن كېيىنلا ئىجتىمائىي ئەدەپ - ئەخلاققا ئائىت مەسىلىلەر دىققەت نەزىرىمىزنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرى ئوبيېكتىپلىقى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ كىچىك ھالقىلىرىغىچە چەمبەرچاس چېتىلغان. ئۇ بارلىق ئەخلاقىي تىل - ھەرىكەتلەرنى ئۇلۇغلاپ ھەم مەدھىيىلەپ، ئەخلاققا زىت كېلىدىغان يامان ئادەت، يامان ئىشلارنى چەكلەپ، تەنقىدلەپ، رەت قىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتكە، دوستلۇق، ھەمنەپەسلىك، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ كەلگەن غەيرىي ئىللەتلەرنىڭ بىرى غەيۋەتخورلۇقتۇر.
سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي غەيۋەتخورلۇقنىڭ رەزىللىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" غەيۋەت - شىكايەت دوست - يارەن، ئەر - ئايال، ئۇرۇق - تۇغقان، خۇلۇم - قوشنا، چوڭ - كىچىك، ئاجىز - كۈچلۈكلەر ئوتتۇرىسىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، ئايىغى ئۈزۈلمەس جېدەل - خاپىلىقلارغا دۇچار قىلىدىغان بىر زەھەرلىك ئىللەتتۇر. بۇنىڭ بىلەن ئۆز - ئارا ئىشەنچ - ساداقەت سۇسلىشىدۇ - دە، ئەخلاقىي مەدەنىيەت، ئادىمىي مۇناسىۋەت، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە تەرەققىياتقا ماھىيەتلىك زىيان يەتكۈزۈدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە:" بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىسىلەر. ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى بەكمۇ ئەپۇ قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر" دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئايەتتە غەيۋەت قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى بىراۋنىڭ گۆشىنى يىگەنگە ئوخشىتىلغان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىنسان پايدىسىز گەپ - سۆزدىن، خۇسۇسەن غەيۋەت - شىكايەتتىن ساقلىنىشى، سۆز قىلىشتا سەمىمىي - ئېھتىياتچان بولۇپ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزنىڭ ئەدەپلىك، ئىلمىي يوسۇندا بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشى، قىلسىمۇ - قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم."
غەيۋەت شىكايەتنىڭ زىيىنى
سىراجىدىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، غەيۋەت - شىكايەت ئىنسانلارغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى غەيۋەت - شىكايەت شەخسنىڭ ۋىجدان - غۇرۇرىغا، ئىنسانىي تەبىئىتىگە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئىمانىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئۇنى ئېغىر بالالارغا ۋە قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلىدۇ. ھەدىستە:" كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ. ئاللاھ ئەيىبىنى ئاچقان ئادەمنى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ " دەپ كەلگەن.
مۇندىن باشقا غەيۋەت - شىكايەت بىر ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھالال ئەمگەك قىلىپ ئەركىن ياشىشىغا، كىشىلىك ھوقۇقىغا، جامائەتنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا دەخلى - تەرۇز قىلىپ، ئۇنىڭ روھى ئازاب تارتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. غەيۋەت - شىكايەتنىڭ گۇناھى غەيۋەت قىلغۇچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچىلارنىمۇ شۇ گۇناھقا شېرىك قىلىدۇ - دە، ئاڭلىغۇچىمۇ ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ. قىسقىسى، غەيۋەتخورلۇق كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ دۈشمىنىدۇر.