5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق باستۇرۇشىغا بولغان غەزەپ تېخىمۇ ئۆرلىمەكتە

ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان تىنچلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ۋەقە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 26 - ئىيۇن كۈنى شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ئۇچۇن، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ ئىشقا نارازى بولۇپ، تىنچ ھالەتتە نامايىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقانىي تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قانلىق باستۇرۇشى تاكى ھازىرغىچە توختىمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغان ئۇيغۇرلار، بۇ قېتىملىق ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆ خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا ھەقىقانىي تەلىپىنى ئىپادىلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا بولغان غەزەپ ‏ - نەپرىتىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار سۆھبەت جەريانىدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ۋە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا خەلقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكىغا ۋەتەندىن يېڭىلا كەلگەن ئاينىگار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپى ۋەقە ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيىدىكى ئادىل ئەپەندى ئۆزى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۈرەك سوزىنى ئىپادىلىدى. ئادىل ئەپەندى سۆزىدە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقانىي تەلىپىنى ئىپادىلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنى قىرغىن قىلغانلىقىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئىلىگە تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىم ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار تولىمۇ ئاز بولغان ئىسپانىيىدە ئوقۇۋاتقان سەنەۋۋەر خانقىز رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، گەرچە ئۆزىنىڭ بارسەيلونادا يالغۇز ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قانلىق باستۇرۇشىنى ئىسپانىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۇچۇن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار نىسبەتەن ئاز بولغان ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەنىسى شتاتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كامىل ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ، ھازىر ئۇيغۇرلارنى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەتتىكى ئامېرىكىلىق ۋە ياپونىيىلىك خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ گەرچە سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن داڭلىق مۇزىكا شەھىرى بولغان نەشۋىلدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش، خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" نى قانلىق باستۇرغانلىقىغا ئائىت رەسىم ۋە خەۋەرلەرنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى پۇقرالارغا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق قولىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئوز ھەسسىسىنى قوشماقتا.