غۇلجىدىكى كوچىلارغا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ نامى بېرىلمەكتە

غۇلجا شەھىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر يېقىندىن بۇيان، غۇلجا كوچىلىرىغا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ نامى بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. گوگول خەرىتىسىدىن ئىزدەش نەتىجىسىدە، غۇلجا شەھىرىدە يېڭىدىن ياسالغان قاتناش يولى ھەم مەھەللىلەرگە تۇتىشىدىغان كوچىلارغا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ نامى بېرىلگەندىن باشقا، بۇ كوچىلاردا پۈتۈنلەي خىتايچە نام بېرىلگەن مېھمانخانا، سودا سارايلىرى ھەم خىتاي مەدەنىيەت تارىخىدىكى شەخسلەر ئۈچۈن تىكلەنگەن خاتىرە سارايلىرى يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە، بۇلتۇردىن بۇيان غۇلجىدا شەھەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئەسلىدىكى تار ھەم بۇزۇلۇپ كەتكەن يوللارنى قايتا ياساپ، شەھەر قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى.

بىز غۇلجىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەھەر قۇرۇلۇش خىزمىتىگە نىسبەتەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھەقىقەتەنمۇ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان غۇلجىدىكى كوچىلارنىڭ قايتا رەتلىنىپ، يېڭىدىن يوللار ئېلىنغانلىقىنى، ئەمما يېڭى ياسالغان يوللارنىڭ خىتايچە نام بىلەن ئاتىلىپ، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ نامى بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز گوگول خەرىتىسىدىن غۇلجا شەھىرىدىكى كوچا ناملىرىدا بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتايچە نام بېرىلگەن كوچىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقىدۇق. يېڭىدىن خىتايچە نام بېرىلگەن بۇ كوچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى بىلەن غۇلجىغا كىرىش ئېغىزى بولغان بايانداي ئارىسىدىكى يېڭى شەھەر رايونىدا ئىكەن.

مەسىلەن، بۇ ئارىلىقتىكى كوچىلارغا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ناملىرىدىن شاڭخەي يولى، شېنجىن يولى، بېيجىڭ يولى، لياۋنىڭ يولى، سىچۈەن يولى، فۇجۇ يولى، جىلىن يولى، ئەنخۇي يولى، ھەربىي بوز يەر يولى(جۈنكېن يولى) دېگەندەك ناملار بېرىلگەن.

غۇلجىنىڭ ساياھەت خەرىتىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا يېڭى شەھەر رايونىدىكى سودا سارايلىرى، مېھمانخانىلارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە خىتايچە نام بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا بۇ رايونغا يەنە خىتاي مەدەنىيەت تارىخىدىكى شەخسلەر ئۈچۈن تىكلەنگەن خاتىرە سارايلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 4 - دېۋىزىيىسىنىڭ مەمۇرى ئىدارە، مەكتەپلىرى جايلاشقان ئىكەن.

مەسىلەن،خەرىتىدىن يېڭى شەھەر رايونىغا جايلاشقان،جىڭۋۇيۈەن مېھمانخانىسى، يۈەنياڭ مېھمانخانىسى، جىڭدىيەن سودا سارىيى، جىنخۇي سودا بازىرى، جۇڭلى دوختۇرخانىسى، خەن سۇلالىسى مەلىكىسى خاتىرە سارىيى، لىنزېشۈ خاتىرە سارىيى، 4 - دېۋىزىيە ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، 4 - دېۋىزىيە 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىقنى بايقىدۇق.

غۇلجىدىكى كوچىلار نامىنى خىتايچە ئاتاش ھەم خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇش ھازىرچە يېڭى شەھەر رايونىنى ئاساس قىلغان. بىز گوگۇل خەرىتىسىدىن غۇلجا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى كوچا -مەھەللىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ يەنىلا ئەسلىدىكى ناملىرىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بايقىدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ خانىممۇ، غۇلجىدىكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نام بېرىلگەن كوچىلارنىڭ نامى ساقلىنىپ قالغان ياكى ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن كوچا - مەھەللىلەرنىڭ ناملىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئۇ يەنە، بۇ جايلاردا يېڭىدىن كېڭەيتىلىپ ياسىلىۋاتقان كوچىلارغا يەنىلا خىتايچە نام بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە ھازىر جياڭسۇ يولى دەپ نام بېرىلگەن بۇ يولنىڭ ئەمەلىيەتتە غۇلجىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان "ئۈچ دەرۋازا" مەھەللىسىدىن ئېلىنغان يول ئىكەنلىكىنى، بۇ يولغا جياڭسۇ ئۆلكىسى مەبلەغ سالغىنى ئۈچۈن شۇ ئۆلكىنىڭ نامى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت - ناھىيە، شەھەرلەردە شەھەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئەسلىدىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك خىتاي ئۆلكە -شەھەرلىرىنىڭ نامى بېرىلگەن كوچا - مەھەللە، مېھمانخانا، سودا سارايلىرى زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي ۋەزىيىتىنى ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى كوچا - مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا خىتايچە ئىسىم قويۇش، خىتاي شەھەر ئۆلكىلىرىنىڭ نامىنى بېرىش ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.