ئەينى چاغدا فېۋرال ۋەقەسى سەۋەبىدىن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققان شاھىتلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى چاغدا تۈرمىدە يولۇققان قىيىن-قىستاقلارنى ھەم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى نازارەت ئاستىدىكى ھاياتىنى بايان قىلدى.
1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى دېموكراتىيە ھەم ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ غۇلجىدا نامايىش قىلدى. ئەينى چاغدا مىڭلىغان ئىلى ياشلىرى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ نامايىش ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى. شۇندىن بۇيان ھەر يىلى 5-فېۋرال كۈنى چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 5-فېۋرال نامايىشچىلىرىنى خاتىرىلەپ تۈرلۈك يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
ئىگىلىگەن ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ قېتىملىق ۋەقە سەۋەبىدىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىلەرگە تاشلانغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىككى نەپەر شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-فېۋرال نامايىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 5-فېۋرالغا باغلىنىشلىق دەپ قارالغانلارنى زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باشلانغان بولۇپ، تۇتقۇن قىلىش تاكى 1998-يىلى 6-ئاي ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەرگىچە داۋاملاشقان.
1997-يىلى نامايىشتىن كېيىن، 8 -فېۋرال كۈنى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ، ئۆز ئۆيىدىن قولغا ئېلىنغان بىرەيلەن ئەينى چاغدا، ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا قاتتىق قىيناش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە 17 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ بالىلار ئەينى چاغدا كۈيتۈڭدىكى بىڭتۇەن تۈرمىسىگە قامىلىپ، بىڭتۇەننىڭ قوراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ساقچى ئاپشاركىلىرىغا تالىتىش قاتارلىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغان.
ئىلى 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە خەلق ئارىسىدا دىنىي ئىلمىي بار دەپ قارالغان بىر تۈركۈم دىنىي ئەربابلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئەينى چاغدا فېۋرال ۋەقەسى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ تۈرمىدە سوراق قىلىنغان بىرەيلەن، ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىش جەريانىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنى خىتاينىڭ تۈرمە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «جىنايەتچىلەرنى 70 سائەتتىن ئارتۇق ئۇيقۇسىز ھالەتتە قالدۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇدا 120 سائەتكىچە ئۇيقۇسىز ھالەتتە سوراقنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوراقتىن كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ، ئۇدا 120 سائەت ئۇيقۇسىز ھالەتتە قالدۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىدە خامۇشلۇق، تىلى كالۋالىشىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ كىشى يەنە، ئەينى چاغدا ئۆزى ياتقان تۈرمىدە، 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئوبۇل ئابدۇللا ئىسىملىك بىر بالىنىڭ تۈرمە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ، تۈرمە مەيدانىغا تاشلاپ قويۇلغان جەسىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ تۈرمىدىكى چاغدا يەنە، 5-فېۋرال غۇلجا نامايىشىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىبراھىم خېلىل 1998-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە، غۇلجا شەھىرى ئايدۆڭ مەھەللىسىدە قولغا ئېلىنغان ئىكەن.
بۇ كىشى يەنە، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق نازارەت ئاستىدا تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە جازا مۇددىتى توشۇپ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ داۋاملىق نازارەت ئاستىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 1997-يىلىدىكى فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن داۋاملىق مەخپىي تۇتۇپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەينى چاغدا تۈرمىگە قامالغان ھەم تۈرلۈك قىيناشلار سەۋەبىدىن تۈرمىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى يەنىلا بىر سىر ئىكەن.