5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئىبراھىم ئىسمائىلغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە تەرجىمىھالى يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى مەھەلە-مەھەللە ۋە بازار رەستىلەرگە كەڭرى چاپلانغان ۋە تارقىتىلغان. غۇلجىدىن ھەرقايسى ناھىيىلەر ۋە شەھەرلەرگە تۇتۇشىدىغان چوڭ قاتناش تۈگۈنلىرىدە چازىلار قۇرۇلۇپ مەخسۇس ئىبراھىم ئىسمائىل ئۈستىدىن تىنتىش ئېلىپ بېرىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان ئىبراھىم ئىسمائىل
تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولغىنى شۇكى، ئىبراھىم ئىسمائىل خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا: "ئىبراھىم ئىسمائىل تاشلەپكىدە ئاياق مايلىتىۋاتقان ئىكەن، ساقچىلار يېتىپ كېلىشىگە كۆزدىن غايىب بوپتۇ"، "ئىبراھىم ئىسمائىل خىتاي بازىرىدا تاۋۇز يەۋاتقان ئىكەن، ساقچىلار كېلىشىگە كۆزدىن غايىب بوپتۇ"، "ئىبراھىم ئىسمائىل تۈنۈگۈن پالانچى مەھەللىدە تەبلىق قىپتۇ، بۈگۈن پۇستانچى مەھەللىدە تەبلىق قىلىدىكەن" دېگەن سۆزلەر غۇلجا خەلقى ئارىسىدا كەڭرى تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تاكى ئىبراھىم ئىسمائىلنى خىتاي ساقچىلىرى قولغا چۈشۈرۈپ، قاتتىق قىيىن - قىستاقلاردىن كېيىن تېلېۋىزور ئېكرانىغا چىقىرىپ ئۆز قىلمىشىغا مەجبۇرىي پۇشايمان قىلدۇرغانغا قەدەر كۆرۈپ باقمىغانلىقى مەلۇم.
خىتاي دائىرىلىرى ئىبراھىم ئىسمائىلنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ 1000 لارچە كىشىنى قولغا ئالغان
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم 5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى، ئاران 300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە غۇلجا شەھىرىدە 6-7 ئايغا يېقىن قاتتىق تىنتىش ئېلىپ بېرىپمۇ ئىبراھىم ئىسمائىلنى تۇتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما " ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن كۆرۈشتى، ئىبراھىم ئىسمائىلنى ئۆيىدە قوندۇردى " دېگەن باھانىلەر بىلەن 1000 لارچە ياشنى قولغا ئالغانلىقى مەلۇم. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا غۇلجىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، غۇلجىدا سىياسىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 8660 -قىسىم قاتارلىق 70 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي بار بولۇپ، بۇنداق زور قوشۇن ۋە قاتتىق تىنتىشتا ئىبراھىم ئىسمائىلنى تۇتالماسلىقى مۇمكىن ئەمەسكەن. بۇ يەردىكى مەقسەت ئىبراھىم ئىسمائىلنى ئىلاھىيلاشتۇرۇش ھىيلىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى قورقۇتۇش ۋە جەڭگىۋارلىقىنى سۇسلاشتۇرۇش شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا زېمىن ھازىرلاش ئىكەن. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا دائىرىلەر، غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قاسىمجاننى ئىبراھىم ئىسمائىلنى ئۆيىدە قوندۇردى دېگەن باھانە بىلەن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىغان ۋە سىياسىي سالاھىيىتى نۇقتىلىق ھالدا داۋاملىق تەكشۈرۈلىدىغان شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى غەيرىي قىياپىتى
خىتاي دائىرىلىرى ئىبراھىم ئىسمائىلنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ، غۇلجا شەھىرىدە قاتتىق تىنتىش ۋە قولغا ئېلىش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن، 1997-يىلى كۈز ئايلىرىدا غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسىغا قاراشلىق مەلۇم بىر مەھەللىدە بىر دېھقاننىڭ قورۇسىدا ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا قولغا ئالغانلىقى مەلۇم. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى كۈن بويى بېسىقمىغان. ناھايىتى نۇرغۇن قوراللىق ئەسكەرلەر تاشكۆۋرۈك يېزىسىنى قورشاۋغا ئالغان.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىبراھىم ئىسمائىل تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا پەيدا بولۇپ، ئۆز قىلمىشىغا قاتتىق تۆۋە قىلغان ۋە بىر قانچە كىشىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ دەرھال قورال - ياراقلارنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما، بۇ تەۋسىيە قىلىشلارنىڭ قاتتىق قىيىن - قىستاقلار ئارقىلىق بولۇۋاتقانلىقى، ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ ئالدى تەرەپكە چاپلاپ قويۇلغان بىر پارچە قەغەزنى ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقى غۇلجا خەلقىنىڭ دىققىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاياق زەربىسىدىن ئۇنىڭ يۈز، كۆزلىرى كۆكىرىپ ۋە ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزلىرى نۇرسىز ۋە ھارغىن ئىكەن.
ئارىدىن بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدە يېپىق سوت ئېچىلىپ ئىبراھىم ئىسمائىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ شۇ كۈنى ئىجرا قىلىنغان. بىر مەزگىل ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان ئىبراھىم ئىسمائىل ئارخىپى مانا شۇنداق يېپىلغان. ئەمما، غۇلجا خەلقى نۇرغۇنلىغان سىرلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتكەن ئىبراھىم ئىسمائىلنى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە ئىكەن.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.