«5‏-فېۋرال ۋەقەسى» دە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بەزى ئۇيغۇرلار يەنە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە «دىنىي كۈچلەر» گە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
1997 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ، 5  - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﻨﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
1997 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ، 5 - ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﻨﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق باستۇرۇش نىشانلىرىنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى «نۇقتىلىق شەخسلەر» دەپ ئاتايدىغان دىنىي ۋە سىياسىي پىكرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىردەك بولمىغان شەخسلەر ۋە ئىلگىرى شۇ سەۋەبلىك تۈرمىدە ياتقان كىشىلەرگە قارىتىلغان. دائىرىلەرنىڭ بۇ نىشاننى چىقىش قىلىپ، يېقىندا غۇلجا «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كېپەكيۈزى يېزىلىق بەزى ئۇيغۇرلارنى يەنە تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

غۇلجىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسى ئىلى دىيارىدىكى 1997‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» دە ۋەقەگە چېتىلىپ، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىنغان، سوتلانغان، مۇددەتلىك-مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يېزا. غەيرىي رەسمىي مەلۇماتلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يېزىغا قاراشلىق تۆۋەنكى كېپەكيۈزى كەنتىنىڭ ئۆزىدىنلا 69 ئۇيغۇر ياشنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. قولغا ئېلىنغانلاردىن بەزىلەر 2 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

بىراق، دائىرىلەر ئەينى چاغدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا مۇددىتىنى توشقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ تا ھازىرغا قەدەر پېشىنى قويۇپ بەرمىگەن. دائىرىلەر «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» گە چېتىلىپ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۆۋەنكى كېپەكيۈزى كەنت ئاھالىلىرىدىن ياقۇپ ئىدرىسنى بۇ يىل 1‏-ئايدا يەنە تۇتۇپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكىنى بەرمىگەن.

ياقۇپ ئىدرىسنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلاردا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، پەيدا بولغان ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىك بىلەن ئالاقىدار ياكى ئەمەسلىكى نامەلۇم. بىراق، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتى دەل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە « دىنىي ئەسەبىيلىك»كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئەسەرلەر، دىنىي زاتلار ۋە «نۇقتىلىق شەخسلەر» نى باستۇرۇش، قولغا ئېلىش ۋە نەزەربەند قىلىش ھەرىكىتى ئەۋج ئالغان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.

كېپەكيۈزى يېزىلىق ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار ياقۇپ ئىدرىسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق كىملەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، سەۋەبى ۋە ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

كېپەكيۈزى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى ياقۇپ ئىدرىسنى ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلمىغانلىقى، بۇنىڭغا پەقەت غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىش نامىدا دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئەسەرلەر ۋە دىنىي زاتلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش مەسىلىسى د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە بەزى خەلقئارا سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاي دائىرىنىڭ قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىۋاتقان مەسىلە.

د ئۇ ق ۋەكىلى ئالدىنقى كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقال قويۇشنى، ياغلىق ئارتىشنى چەكلەپ، بۇ خىل دىنىي سىمۋوللارنى « قالاقلىق»، «ئەسەبىيلىك» ۋە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ قاراپ، زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنداقلا يەنە جازا مۇددىتىنى توشقان ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، نەزەربەند قىلىۋاتقانلىقى، ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لېكتورى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىن قالغان ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق يوشۇرۇن خەۋپ، دەپ قاراپ، ھەر قانداق بىر ھەرىكەت باشلانسا، ئۇلارنى نەزەربەند قىلىش ۋە زەربە بېرىش نىشانى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باشقىلاردا بېسىم پەيدا قىلىش ۋە قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بىراق ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل رادىكال باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تېخىمۇ زور قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى غەيرىي رەسمىي مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە 7 يىللىق قاماق جازاسىنى توشتۇرۇپ چىققان ياقۇپ ئىدرىستىن باشقا تۆۋەنكى كېپەكيۈزى كەنتىدىن يەنە، ئابدۇۋەلى لېتىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان. لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ 2 يىلدىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ياكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭدىن سىرت ئەكرەم قۇلمۇھەممەت، ئەلقەم قۇلمۇھەممەت ئاكا-ئۇكىلار، غوجائەخمەت تۇرسۇن مۇھەممەت، تاھىرجان ئەمەت ۋە زاكىرجان ئەمەت ئاكا-ئۇكىلار، يارمۇھەممەت قازاق، شاھىمەردان سەيدئەخمەت، ئايۇپ، سەييدئەكرەم قاتارلىق ياشلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئېلشات ئەپەندى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسىنى ماقۇللاپ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك دېلولىرىدا كىشىلەرنى سوئال-سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ياقۇپ ئىدرىسنى سوئال-سوراقسىز تۇتۇپ كەتكەنگە ئوخشاش تۇتۇپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىنقى كۈنى قانۇنلاشتۇرغان بۇ مەسىلە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئىككى كۈن جەريانىدىكى بەس مۇنازىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا، كانادا ۋە چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان مەسىلە ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا ۋەكىلى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ « قولغا ئېلىش، كىشىلەرگە جىنايەتچى مۇئامىلىسى قىلىش، ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، قانۇندىن ھالقىپ تۇتقۇن قىلىش، تورنى كونترول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقى»نى تەنقىد قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت