ئاپەتتىن كېيىنكى 'يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشى' غۇلجا دېھقانلىرىنى ھالسىراتماقتا

ئىلى گېزىتىنىڭ 17 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، بۇلتۇر قىش ھەم بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدىكى قار ھەم يامغۇر ئاپىتىدە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل ياز پەسلىدە يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاپ، ھازىر بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.08.18
Ghulja-tekestiki-apetke-uchrighan-yezidin-bir-korunush-305 26 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ 28 - ﺋﯩﻴﯘﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﭗ، ﺗﯧﻜﻪﺱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1311 ﺋﯚﻱ ﺋﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻳﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﺩﯨﻬﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
http://211.138.34.66/news ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئەمما، رادىئومىز غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۆيلىرىنى چۇۋۇپ قويغان نۇرغۇن دېھقانلار مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىشقا ياكى ئۆي قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

ئىلى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇلتۇر قىشتا ياققان قېلىن قار ھەم بۇ يىل ئەتىيازدىكى قارا يامغۇر ئاپىتىدە غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان. ھازىرغىچە ناھىيە تەۋەسىدە 10 مىڭ 251 ئائىلە ئۆيلىرىنى قايتىدىن سېلىۋاتقان بولۇپ، 5838 ئائىلە ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. خەۋەردە يەنە، قالغان دېھقانلارنىڭ 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملايدىغانلىقى دېيىلگەن.

رادىئومىز غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇش ئەھۋالىنىڭ زادى قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىسىدىكى تۇرپانيۈزى، پەنجىم، توخوچىيۈزى، ساميۈزى، مەمەيۈزى، روزىمەتيۈزى قاتارلىق يېزا، كەنتلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يازدا ئۆيلىرىنى يېڭىلاشقا مەجبۇر بولغان دېھقانلار كۆپ بولغىنى ئۈچۈن، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن. نەتىجىدە دېھقانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان پۇلى، ھۆكۈمەت بەرگەن چەكلىك ياردەمدىن زور مىقداردا ئېشىپ كېتىپ، نۇرغۇن دېھقانلار بانكىدىن قەرز ئېلىشقا ياكى قۇرۇلۇشنى توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

توخوچىيۈزى كەنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ كەنتىدە، قار ھەم يامغۇر ئاپىتىدە نۇرغۇن ئۆيلەر ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەن بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلار ئىقتىسادى يار بەرمىگىنى ئۈچۈن، ئۆي يېڭىلاش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. ئۆيلىرىنى چۇۋۇپ قويغان دېھقانلار بولسا ئىقتىساد يېتىشمىگىنى ئۈچۈن قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.

ساميۈزى يېزىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يېزا كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دېھقانلاردىن ھازىرغىچە 252 ئائىلە ئۆي قۇرۇلۇشىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملاپ، يېڭى ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن.

مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىغا ھۆكۈمەتنىڭ قانچىلىك ياردەم بەرگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ھەر بىر ئېغىز ئۆيگە ھېسابلاپ پىششىق خىش ھەم سېمونت قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ياردەم قىلغانلىقىنى، ھال - ئوقىتى ياخشى دېھقانلارنىڭ ھازىر ئۆيلىرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، ئىقتىسادى ناچار دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بانكىدىن 5 يىللىق ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، قالغان چىقىمنى يەنىلا دېھقانلارنىڭ ئۆزى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرپانيۈزى يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يازدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. ئۇ ئۆي سېلىش خىراجىتى ئۈچۈن، ھازىر ھۆكۈمەت ياردەم قىلغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىن سىرت، ئۆزىنىڭ يىغىپ قويغان پۇلىنى خىراجەت قىلغان ھەمدە تاغدىكى قوي، كالىلىرىنىمۇ سېتىۋەتكەن. ھازىر ئۇ بانكىدىن ئالغان قەرز پۇل ئارقىلىق كۈز پەسلى ئاياغلاشقىچە ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە - بازارلىرىدا، دېھقانلار بۇلتۇر قىش پەسلىدە ھەم بۇ يىل ئەتىيازدىكى قار ھەم يامغۇر ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلىرىنى ياساۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئەسلىدىنلا تۇرمۇشى غورىگۈل ئۆتۈۋاتقان دېھقانلارنى تېخىمۇ ھالسىراتماقتا ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Aug 19, 2010 12:32 AM

http://news.qq.com/a/20100819/001824.htm