خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدىكى يېڭىيەر ۋە ئالمۇتايار كەنتىدە 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش، تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋەقە ھازىرغا قەدەر ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن 3 قېتىم ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ غۇلجىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقىلى ھازىر 10 كۈندىن ئاشتى.
ھۆكۈمەت بۇ جايدا تۇتۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر

رادىئومىزنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى چاۋ لۇڭنىڭ 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 - ئاينىڭ 30 -كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدىكى يېڭىيەر كەنتى ۋە ئالمۇتايار كەنتىدە، ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى' دەپ قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 10 نەچچە كۈندىن بۇيان ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئالمۇتايار يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان بىر كۆچمەننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايدا 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 40 نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەتتە - سەككىز كۈندىن بۇيان ھەربىي ھالەت يۈزگۈزۈلۈۋاتىدۇ.
مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭىيەر يېزىسىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس بار، بۇ جايدا ئۇيغۇرلار كۆپ، ھازىر ھۆكۈمەت بۇ يېزىغا كىرىپ چىقىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرىدۇ ۋە يانلىرىنى ئاختۇرىدۇ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلار بولسا، ئۇنى 'تېررورچىلىق' دەپ بىر تەرەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى بۇ جايدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ياكى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ مەھەللىدە تۇرۇۋاتقان يەنە بىر كۆچمەننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ جايدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقىلى 10 نەچچە كۈن بولغان. ساقچىلار ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ بىرنەچچە بولاق پارتلاتقۇچ دورا ئولجا ئالغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ جايدا تۇتۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، ھۆكۈمەت ئۇلارنى تۇتالمىسا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن.
- ھازىر مال باھاسى بەك ئۆرلەپ كەتكەن، بىر خالتا ئۇن ئاتمىش-يەتمىش يۇەن، بىر خالتا گۈرۈچ يەتمىش-سەكسەن يۇەن، يېگىلى ئاشلىق بولمىغاندىكىن خەلق ئىسيان كۆتۈرمەي نېمە قىلىدۇ؟ - دەيدۇ يەنە بىر كۆچمەن.
يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، يېڭىيەر يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ساقچى خادىمى 'يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت' دېگەن ئىدى.
يېزا كادىرلىرىغا پارتلاتقۇچ دورىسى بايقالدى دەپ ئۇقتۇرۇلغان. شۇ يېزىدا تۇرۇۋاتقان بىر تەشۋىقات بۆلۈم كادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالمۇتايار يېزىسىدىن تۇتۇلغان 25 ئادەم 'مەشرەپ ئوينىغان' دەپ تۇتۇلغان، يېڭىيەر كەنتىدىن تۇتۇلغانلار 'قورال ساقلىغان' دەپ تۇتۇلغان، بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش، ئەمما ھۆكۈمەت بۇ ئىككى جايدا ئوخشاش بىر كۈندە ھەرىكەت قوللانغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خارلىماقتا
ئالماتادا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچىمۇ، يېقىندا ئالماتاغا كەلگەن بىر ئۇيغۇر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ غۇلجىدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئېغىر دەرىجىدە خارلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
' بىز چۇقۇم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىمىز'
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، روېيتېرس ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا 'بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن تېررورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان' دېگەن نام بىلەن ئابدۇراخمان تۇرسۇن قاتارلىق 35 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 'تېررورچىلار' چەتئەللەردىن كەلگەن مۇخبىرلارنى، تەنھەرىكەتچىلەرنى ۋە ساياھەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالماقچى بولغان. ئۇ جۇ يۇڭكاڭنىڭ 'جۇڭگو ساقچىلىرى' گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ' شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چۇقۇم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىمىز' دېگەن.
