غۇلجىدىكى يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى بۇيرۇق بىلەن تاقالماقچى (1)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى سەۋەبىدىن، بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز - ئارا قوشۇۋېتىلىپ قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئايلاندۇرۇلغان، نەتىجىدە بەزى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

0:00 / 0:00

غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىن پەنجىم يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، بايانداي يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، دادامتۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، يېڭىيەر يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، توغراق يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كېپەكيۈزى يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 6 ئوتتۇرا مەكتەپ 2007 - يىلى 9 - ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تاقاش قارار قىلىنغان.

ئەمما ئۇيغۇرلار نىسبەتەن زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ قارارغا نىسبەتەن نارازىلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇپ، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پەنجىم يېزىسىدىكى ئاتا - ئانىلار پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار ۋە يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پەنجىم يېزىسىدىكى پېشقەدەم مائارىپچى، پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى مەخپىرەت خانىم ئاز كەم يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ تاقىلىشى ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى كىرىمى تۆۋەن بولغان دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پەنجىم ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى دىلمۇرات ئەزىم غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ مەكتەپلەرنى مەركەزلىك باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پەنجىم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پەنجىم ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن قۇربانئاي ۋە ئەخمەتجانلار، مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ تاقىلىشىنىڭ بۇ يېزا بالىلىرىنى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پەنجىم يېزىسىدىكى ئاتا - ئانىلاردىن ياقۇپجان ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2 ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان پەرھات ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ئوقۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادى شارائىت يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن يىراقتىكى شەھەر مەكتەپلىرىگە بارالمىغانلىقى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى بايان قىلغان ياقۇپجان ئەپەندى ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ يۈرەك سادالىرىنى رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىمىزنى تەلەپ قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تاقاش قارارىغا نىسپەتەن خەلقنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.