غۇلجىدىكى يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى بۇيرۇق بىلەن تاقالماقچى (2)

غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىن پەنجىم، دادامتۇ، بايانداي قاتارلىق يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن يېزا بالىلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش مەسىلىسى، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پەنجىم يېزىسىدىكى، پېشقەدەم زىيالىيلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا - ئانىلار ۋە ئوقۇشسىز قالغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن نارازىلىقىنى ۋە ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بىز پەنجىم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ پەنجىمدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نىسبەتەن قانداق قارىشى بارلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما يېزا باشلىقى ئۆمەرجان بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ياۋ شاۋيۇڭ بولسا بۇ سەزگۈر مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئابلىكىمگە تېلېفون قىلدۇق. ئابلىكىم شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى تاقاشنىڭ دۆلەتنىڭ مائارىپ قانۇنىغا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش روھىغا ۋە غۇلجىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن چىقىرىلغان قارار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنى شەھەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۇچۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسىغا نىسبەتەن، يېزىلاردىن كەلگەن بالىلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما دېھقانلار ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، شەھەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېتىبار بەرگەن ھالەتتىمۇ دېھقانلار ئۇچۇن بۇ چىقىمنىڭ ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.

شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئابلىكىم، پەنجىم يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ پەنجىمدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ئېچىش تەلىپىگە نىسبەتەن، پەنجىم قاتارلىق يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىقتىساد كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

پەنجىم ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بولسا، پەنجىم ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپى ئېچىشقا بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتى تولۇقلۇقىنى، ئاز كەم يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى سەۋىيىسىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

لېكىن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ئابلىكىم نەزىرىدە مەكتەپنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇشى مەكتەپنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلىمەيدىكەن.

ئابلىكىم يەنە، دۆلەتنىڭ يېزىلارغا قاراتقان مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتىنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يېزىلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى ئېچىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

يېزىدىكى دېھقانلار بولسا بالىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشى، قانداقتۇر بالىلىرىنى كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۇچۇن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئاق - قارىنى پەرق قىلالايدىغان بىر ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتى.

ئابلىكىمنىڭ نەزىرىدە بولسا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان، تالانتلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدىغان ئورۇن ئىكەن، دۆلەت بەلگىلىگەن 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۆزىلا ھازىرقى شارائىتتا يېزىلار ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن.

پەنجىمدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى تاقالغاندىن كېيىن، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ پەنجىمنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىغىمۇ زور بىسىم بولغانلىقىنى، پەنجىم ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى، پەنجىمدىكى زىيالىيلار، ئاتا - ئانىلار بايان قىلىپ ئوتكەن ئىدى.

ئەمما غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى بولغان ئابلىكىم بۇ نۇقتىنى ھېس قىلمىغاندەك قىلاتتى.

مائارىپنىڭ بۇ يىللاردىكى چېكىنىشىگە نىسبەتەن زىيالىيلار ئارىسىدا بەس - مۇنازىرىلەر قوزغالغان. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئوز پىكرىنى بايان قىلغان زىيالىيلارنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىمۇ ۋەيران قىلىش گىردابىغا ئىتتىرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرى مائارىپ تەربىيىسىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئومۇمىي ئىجتىمائىي كەيپىياتتا بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىپ، زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.