غۇلجىدا يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەجبۇرىي قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2000 - يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپى نامىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى يىلدىن ‏- يىلغا كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ھەتتا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلار بىر تۇتاش ھالدا "قوش تىللىق مەكتەپ" لەرگە ئۆزگەرتىلمەكتە ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇ يىل بېشىدا بۇ مەكتەپلەرنىڭ 3 - ئايدىن باشلاپ، پۈتۈنلەي "قوش تىللىق مەكتەپ" نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ھەم خىتاي بالىلىرى ئارىلاش ئوقۇيدىغان خىتاي تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن مەلۇم بىر دېھقان، ئۆز يېزىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ ئورنىغا "قوش تىللىق مەكتەپ" سېلىنىپ، 3 - ئايدا رەسمىي ئوقۇش باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە، غۇلجا شەھىرى مىللىي ۋە خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بۇلتۇر 3 - ئايدىن باشلاپ، سىناق نۇقتا قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 18 مەكتەپكە قارىتا بىرلەشتۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 22 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 9 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنغان. غۇلجا شەھىرى تۇنجى بولۇپ، " قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش"تا ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشىدە يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئۆتكەن ناھىيە، شەھەرلەر قاتارىغا كىرگەن. بۇلتۇردىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرىدە "قوش تىل" ئوقۇتۇش ئەندىزىسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، شەھەردىكى "قوش تىل" ئوقۇتۇش سىنىپلىرى 561 گە يەتكەن، ئوقۇغۇچى سانى 20 مىڭدىن ئاشقان. يېزىلاردا ئەسلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا كەسپىي - تېخنىكا سېنىپلىرى ئېچىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دائىرىلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئېلى تەۋەسىدىكى يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ مەكتەپلەرنى باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان "قوش تىللىق مەكتەپلەر" گە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، بۇلتۇر 3 - ئايدا غۇلجىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغىنىدا، غۇلجىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىقلارنى كەلتۈرگەن ئىدى.

بۇلتۇر 6 - ئاي مەزگىلىدە رادىئومىز غۇلجىدىكى يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى بەرگىنىمىزدە، غۇلجا يېزىلىرىدىكى دېھقانلار، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئۆزگەرتىشىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئەمما غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت خەلقنىڭ شۇنچە نارازىلىقىغا قارىماي، غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ئابلىكىم غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ "ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس، ئوقۇتۇش سۈپىتى ناچار، زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى" نى ئېيتقان ئىدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئوقۇتقۇچى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا نىسپەتەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرىنىڭ تاقىلىپ 16 - 17 ياشتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىنىڭ ئاتا - ئانىلار ھەم مەكتەپلەرگىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتكىمۇ ئېغىر ئىجتىمائى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە، غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان "قوش تىللىق مەكتەپ" لەرگە ئۆزگەرتىشىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى بىر نەتىجە دەپ تەقدىرلەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدە، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرىكەت ئۆلچىمى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان ئەخلاق تەربىيە دەرسلىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دائىرىلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى يېزىلاردا تۇنجى قېتىم "قوش تىللىق مائارىپ" نىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى تەبرىكلىگەنلىكى، بۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى زور نەتىجە ئىكەنلىكى، شۇڭا غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ نەتىجىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇلتۇر خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سېنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ سانىنى 5500 گە يەتكۈزگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ سۇن چى ئىسىملىق ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ھازىرغىچە 30 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار بولغان.

ھالبۇكى بۇ خىل"قوش تىللىق مەكتەپلەر" نىڭ ئوقۇتقۇچى مەنبەلىرى، ئىش كۈتۈپ تۇرغان خىتايلار بولۇپ،خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 2008 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلى قوش تىل مائارىپىغا 15 مىڭ 600 نەپەر ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، غۇلجىدا يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان "قوش تىللىق مەكتەپلەر"گە ئۆزگەرتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر مىسالى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرىنى قەدەممۇ - قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ مەكتەپلەرنى مەجبۇرىي ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىنى ئاساس قىلغان "قوش تىللىق مەكتەپ" لەرگە ئۆزگەرتىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى مەنبەسى تولۇقلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىل مائارىپىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.