فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن غۇلجىدا تاقالغان يەرلىك كارخانىلار ھەققىدە (1)

خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى پارتلىغان غۇلجا فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، غۇلجىدىكى ئەسلىدىكى يەرلىك كارخانىلارنى تۈرلۈك باھانە سەۋەبلەر بىلەن تاقاشقا باشلىغان، نەتىجىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاساسلىق يەرلىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن تېرە يۇڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مىللىي سانائەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان غۇلجىنىڭ يەرلىك مىللىي سانائىتى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن.

0:00 / 0:00

بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەش ئارقىلىق ئوز تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان غۇلجا شەھەر ئاھالىسىنىڭمۇ كىرىم مەنبەسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان.

غۇلجىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بەس - مۇنازىرىلەر بولۇۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بىر ئۇيغۇر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە 2000 - يىلدىن بۇيان ۋەيران بولدى دەپ جاكارلانغان كارخانىلاردىن 21 نىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنغان.

بۇ ماقالىدە غۇلجىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن، 2000 - يىلدىن كېيىن "ۋەيران بولدى" دەپ جاكارلانغان كارخانىلاردىن، غۇلجا شەھەرلىك تېرە - ئاياق كىيىم زاۋوتى؛ غۇلجا شەھەرلىك 1 - يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋوتى؛ غۇلجا شەرھەرلىك 2 - يۇڭ تۇقۇمىچىلىق زاۋوتى؛ غۇلجا شەھەرلىك يۇڭ - تۇقۇمىچىلىق زاۋودى؛ غۇلجا شەھەرلىك ئەينەك زاۋودى؛ غۇلجا شەھەرلىك تىرە - ئاياق كىيىم زاۋودى؛ غۇلجا تىرە - ئۈچەي زاۋودى؛ غۇلجا شەھەرلىك "غالىبىيەت" ئاياق كىيىم زاۋودى؛ غۇلجا شەھەرلىك ئۇن زاۋودى؛ غۇلجا شەھەرلىك مويكا (يۇڭ زاۋۇتى )؛ غۇلجا شەھەرلىك ئۇن زاۋوتى؛ غۇلجا شەھەرلىك قەغەز زاۋوتى؛ غۇلجا شەھەرلىك قۇشخانا؛ ئىلى ئوبلاسلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى؛ غۇلجا شەھەرلىك يىمەك - ئىچمەك شىركىتى؛ غۇلجا شەھەرلىك باش كىيىم زاۋوتى؛ غۇلجا شەھەرلىك كىيىم - كەچەك كارخانىسى؛ غۇلجا شەھەرلىك ھاراق زاۋودى؛ غۇلجا شەھەرلىك سىركە(ئاچئچىق سۇ) زاۋوتى؛ غۇلجا شەھەرلىك خۇمدان زاۋوتى؛ غۇلجا شەھەرلىك تاش يول ئىدارىسى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىقى زاۋۇت - كارخانىلار فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن "خۇسۇسىلاشتۇرۇش" سىياسىتى بىلەن پارىخورخىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىدىن ئېقىپ كەلگەن تۇققانلىرىغا بېرىۋېتىلگەن. خىتاي خوجايىنلار، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئاستا - ئاستا ئىشتىن چىقىرىپ تۈگەتكەن. غۇلجىدىكى ۋەيران بولغان كارخانىلاردىكى ئىشسىز قالغان يەرلىك ئۇيغۇر ۋە قازاق ئىشچىلارنى ستاتىستىكا قىلىپ چىققان ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى 21 ئورۇندىن چىقىرىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئىشچىلارنىڭ سانى 13500 دىن ئارتۇق ئىكەن.

بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغان ئاپتور كارخانىلار ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "ھەر بىر ئىشچى ئۆزىنى قوشقاندا 5 كىشىلىك بىر ئائىلىنى باقىدۇ دەپ ھېسابلايدىغان بولساق، 67،500 نوپۇسنىڭ كىرىم مەنبەسى كېسىلدى دېگەن گەپ. ئىشىدىن ئايرىلىپ، يوقسۇللۇق پاتقىقىغا ئىتتىرىلگەن بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە، بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئەر - خۇتۇنلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى، بەزىلىرىنىڭ مۇھتاجلىقتىن قورۇ - جايلىرىنى سېتىپ ئۆي - ماكانسىز قېلىشى. بەزىلىرىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ زەھەرلىك چىكىملىككە بېرىلىپ كېتىشى، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى، بەزىلەرنىڭ يۇرتنى تاشلاپ چەتئەللەرگە چىقىپ كىتىشى، بەزىلەرنىڭ مىللىي زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى قولىغا قۇرال ئېلىشى، تەۋەككۇلچىلىق ھەرىكەتلىرىگە كىرىشىشى، بەزى ياشلارنىڭ چارىسىىزلىكتىن يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، تەلىيىنى سىناش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرىپ ياكى جىنايەتچىگە، ياكى جىنايەتچىلەرنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىشى، ياشانغان ئاتا - ئانىلارنىڭ باققۇچىسىز، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپسىز قېلىشى، بۇۋاقلارنىڭ يېتەرلىك ئۇزۇققا ئىگە بولالماسلىقى، ياشلارنىڭ ۋاختىدا ئۆيلىنەلمەسلىكى… ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ باي ۋە مەدەنىيەتلىك ئاھالىسى ھېسابلانغان غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا جىددىي تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە."

بىز بۇ كارخانىلار ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك سانائىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان، تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان،"غۇلجا شەھەرلىك تىرە - ئاياق كىيىم زاۋوت" نىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەھۋالى ھەم ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قولىدا ئاخىرقى ھېسابتا ۋەيران بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە، بۇ كارخانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى مۇسابايلار جەمەتىنىڭ،ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئەۋلاتلىرىدىن بىرى بولغان نۇرمەمەت مۇساباينى زىيارەت قىلدۇق.

نۇرمەمەت مۇساباي بىزگە، بوۋىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان "غۇلجا شەھەرلىك تىرە - ئاياق كىيىم زاۋۇت"نىڭ، غۇلجا شەھرىنىڭ شەرق مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 1906 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇساباي ۋە ھۇسەيىن بايلار تەرىپىدىن، ئۈسكۈنىلىرى گىرمانىيىدىن ئېلىپ كېلىنىپ قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 1920 - يىللارغا يەتكەندە، يۇرۇشلەشكەن چوڭ كارخانىغا ئايلانغانلىقىنى، 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، بۇ زاۋوت، مىللىي ئارمىيە ئۈچۈن ئاياق كىيىم، كەمەر، تاپانچا قېپى… قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى، ئەينى چاغدا بۇ زاۋۇتنىڭ شەرقىي تۇركىستان مىللى ئارمىيىسىنى ھەربىي لاۋازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

نۇرمەمەت ئەپەندى بۇ زاۋوتنىڭ 1955 - يىلى دۆلەت ئىگىلىگىگە ئۆتكۈزۈۋىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى، شۇنداقلا، غۇلجىدىكى يەرلىك خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ئاخىرقى ھىساپتا 2003 - يىلى زاۋوتنىڭ ۋەيران بولۇپ تاقىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

غۇلجىدىكى ۋەيران بولغان كارخانىلار ھەققىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە،"غۇلجا شەھەرلىك تىرە - ئاياق كىيىم زاۋۇتى" تاقالغاندا، 1000 دىن ئارتۇق ئىشچىسى بار بولۇپ، 90% ئۇيغۇر ئىشچىلىرى ئىكەن. ئەينى چاغدا زاۋوتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم سىكىرتارى جاڭ گولياڭنىڭ تۇغقىنى بولغان خېبېيىلىك بىر خىتايغا 1 مىليۇن 350 مىڭ يۇەنگە سېتىۋىتىلگەن ئىكەن. ئالغۇچى خىتاي، زاۋوتنىڭ ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرىنى خېبېيغا يۆتكەپ كەتكەن بولۇپ، بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەرنى 15 مىليۇن يۇەنگە سېتىپ كاتتا پايدا ئالغانلىقىنى، غۇلجا كوچىلىرىدا سۆزلەپ يۈرۈپ ئاغزىغا ماغزاپ يىغىلىپ قالغان بۇ خىتاي زاۋوت زېمىنىغا بىنا سالدۇرۇپ، ئۆيلەرنى خىتاي كۆچمەنلەرگە سېتىپ، پۇللارنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ خېبېيغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئامما بۇ زاۋوتتىن ئىشتىن چىقىرىلغان 900 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ غۇلجا كوچىلىرىدا ئىشسىز قالغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالە ئاپتورى،ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى مىراس بولغان بۇ كارخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ھەققىدىكى قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن، "ئىنساننى ھەممىدىن بەك ئەچەپلەندۇرىدىغىنى شۇكى؛ ئەگەر بۇ زېمىننى، خەنزۇدىن باشقا ھەر قانداق مەدەنىيەت دۈشمىنى بىر مىللەت بېسىۋالغان بولسا ئىدى. 1906 - يىللىرى قۇرۇلغان بۇ زاۋوتنى بىر تارىخى مىراس سۈپىتىدە ساقلاپ قالغان ۋە سانائەت مۇزىيسى قىلىپ قوغداپ قالغان بۇلار ئىدى. بۇ ھادىسە،غۇلجا شەھىرىنى تامامەن يوق قىلىشتىنمۇ ئېغىر يوقىتىش بولدى. بۇ كارخانىنىڭ يوقىتىلىشى، غۇلجا ئۇيغۇرىلىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىگىدە ساقايماس تارىخى جاراھەت قالدۇردى."

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بىز غۇلجىدا ۋەيران بولغان كارخانىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىمىزنى بۇندىن كېيىنكى پىروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق تونۇشتۇرىمىز.