بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئاشۇ ۋەيران بولغان كارخانىلار ئىچىدىكى غۇلجا يۇڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قاتارلىق بىر قانچە كارخانىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئىلى ئىقتىسادىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالماقچىمىز.
ئۇيغۇر ئىلىدە 2000 - يىللاردا ۋەيران بولغان يەرلىك كارخانىلار ئىچىدە غۇلجا تەۋەسىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان.
ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان "غۇلجىدىكى ۋەيران بولغان كارخانىلار " دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 2000 - يىللاردا ۋەيران بولغان كارخانىلاردىن، غۇلجا شەھەرلىك 1 - يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق رايونلاردىكى قوي يۇڭىنى خام ماتېرىيال قىلغان بولۇپ، بۇ زاۋۇت 1950.يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەبلىغى، ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، يىپ ئېگىرىش، توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق قاتارلىق بىر يۈرۈش سېخلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشچىلار 50 - يىللاردا 99%، 60 - يىللاردا 90%، 70 - يىللاردا 80% بولغان. زاۋۇت تاقالغان 2001 - يىلىدا بولسا، 50% ئۇيغۇر، قازاق ئىشچىلار ئىشلىگەن. 2001 - يىلى زاۋۇت ۋەيران بولدى دېگەن باھانىدە، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي سودىگەرلىرىگە سېتىۋېتىلگەن. زاۋۇتتىن چىقىرىۋېتىلگەن خىتاي ئىشچىلار دۆلەت تەرىپىدىن مائارىپ ۋە سودا ساھەسىدىكى ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاز بىر قىسمى زاۋۇتتا قالغان. ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بولسا تامامەن ئىشسىز قالغان.
غۇلجا شەھەرلىك 2 - يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىمۇ، 2001 - يىلى ۋەيران بولدى دەپ تاقىلىپ، 1500 ئىشچىسى بار بۇ زاۋۇتتىكى 700 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ئىشچى تامامەن ئىشسىز قالغان. زاۋۇتنى ئالغان خىتاي خوجايىنلار بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كەتكەن، قالغان قىسمىدا 500 ئەتراپىدا ئىشچى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بىر نەپەرمۇ يەرلىك ئۇيغۇر ئىشچىنى ئالمىغان.
غۇلجا شەھەرلىك 3 - يۇڭ - تۇقۇمىچىلىق زاۋۇتى، 1987. - يىلى بايانداي يېزىسىدا قۇرۇلغان،ئەينى يىللاردا زاۋۇت يېڭى قۇرۇلغاندا، بۇ زاۋۇتتا 3000دەك ئىشچى ئىشلىگەن. 2001 - يىلى ۋەيران بولدى دەپ تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، خىتاي ئىشچىلار تەكرار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، زاۋۇتتىن چىقىرىۋېتىلگەن 1000 ئەتراپىدىكى مىللىي ئىشچىلار ئىشسىز قالغان. بۇ زاۋۇتنىڭ ئورنىغا كۆچمەنلەر ئۈچۈن يېڭى بىنالار سېلىنغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەر غۇلجىدىكى تەرەققىيات ئېچىۋېتىش رايونى دەپ ئاتالغان.
غۇلجا شەھەرلىك مويكا - ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە ناھىيە،يېزا،يايلاقلاردىن يۇڭلارنى سېتىۋېلىپ،سورتقا ئايرىپ،يۇيۇپ - پىرىسلاپ زاۋۇتلارغا ساتىدىغان بىر شىركەت بولۇپ،800 دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسىنىڭ 80% ى ئۇيغۇر ئىدى. مويكا 2000 - يىلى تاقالغان. ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئىشسىز قالغان. غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى،مويكىنىڭ ئورنىنى 42 ئائىلىلىك يەرگە بۆلۈپ پۇلى بار خىتاي سودىگەرلىرىگە قۇرۇلۇش سېلىش ئۈچۈن سېتىۋەتكەن.
يەرلىك كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېلىپ كەلگەن ۋەيرانچىلىقى ھەققىدە توختالغان، غۇلجا شەھىرىدىكى پېنسىيىگە چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى غۇلجىدىكى يەرلىك كارخانىلار تاقالغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئايرىلغان ئىشچىلارنىڭ نامراتچىلىق ئىچدە ياشاۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئىلگىرى غۇلجىدىكى مەلۇم بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا زاۋۇت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، بىر كادىر غۇلجىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغانلىقى ئۇچۇن، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىستېمال قارىشىغا، قىسقىسى "مودا ئېقىمى"غا ماسلىشالمىغانلىقى ئۇچۇن تاقالدى دەپ ئىزاھلىدى.
چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە. خىتاي ئىلىدە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 90 - يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش " ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قورغاس سودا ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ئىچكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي كۆچمەن سودىگەرلىرىنىڭ تۈركۈم - تۈركۈملەپ غۇلجا رايونىغا ئېقىپ كېلىشى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى " بىڭتۈەن " دەپ ئاتالغان "ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى"گە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئاساسلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى بېرىۋەتكەنلىكى، يەرلىك مىللىي سانائەتنىڭ ئېتىبارسىز قېلىپ، مەبلەغ كەمچىل بولۇشى، تېخنىكا يېڭىلانماسلىقى، غۇلجا رايونىدا يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي بېسىملارنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، ئىقتىسادى جەھەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىگە زور دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تامامەن ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن.