بۇلاقدادامتۇ كەنتىدىكى تۇرغان پولاتنىڭ 4 پەرزەنتى تۇتقۇن قىلىنغان

خىتاي ھۆكۈمىتى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، "يوشۇرۇن تەھدىت" دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. غۇلجا شەھىرىنىڭ بۇلاقدادامتۇ كەنتىدىكى تۇرغان پولات ئائىلىسىنىڭ 4 پەرزەنتى شۇ قاتاردا قولغا ئېلىنغانلار بولۇپ، دائىرىلەر بۇ 4 قېرىنداشنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سوت قارارىسىز ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرماقتا.

0:00 / 0:00

تۇرغان پولات غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزا 6‏ - ئەترىتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئائىلە باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تاشپولاتنىڭ 3 پەرزەنتى، كىچىك 2‏ - ئوغلى ئەختەمنىڭ 2 پەرزەنتى بار، 25 ياشلاردىكى قىزى زۇلپىيە بولسا ئائىلىدە تىككۈچىلىك قىلاتتى. تۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ 5‏ - ئىيۇل "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ 3 پەرزەنتىنى قولغا ئالغان ئىدى.

شۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ۋەقەسى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن ئىككى كۈن كېيىن يۈز بەرگەن. تۇرغان ئاكىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن زۇلپىيە، تاشپولات، ئەختەم تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، تاشپولاتنىڭ ئايالى شەمشىبانمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، دائىرىلەر زۇلپىيەنى ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتكەن. تۇرغان ئاكىنىڭ كېلىنى شەمشىبان، ئوغلى تاشپولات ۋە ئەختەملەر بولسا غۇلجا يېڭى ھايات تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، تاشپولاتنىڭ 3 بالىسى بىلەن ئەختەمنىڭ 2 بالىسى، بوۋىسى تۇرغان ۋە مومىسى رۇقىيە ھەدىنىڭ بېقىشىغا قالغان ئىدى. تۇرغان ئاكا دائىرىلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەي، پەرزەنتلىرىنى ئۈن - تۈنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلى تەۋەسىدە "توردىن چۈشۈپ قالغانلار"نى تۇتۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، زەربە بېرىش نىشانىنى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقانلارغا قارىتىپلا قالماي، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا "يوشۇرۇن تەھدىت" دەپ قارالغان دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك تەقۋادار مۇسۇلمانلار ۋە سىياسى كۆز قارشى ئوخشىمايدىغان ئۆكتىچى پىكىردىكى زاتلارغا قاراتقان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدە زادى قانچىلىك كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلار ئارىسىدا زور پەرقلەر مەۋجۇت.

بەزى ئانالىزچىلار، تۇرغان پولات ئائىلىسىدىكى 4 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى رايوندىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ شىددىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆرنەك، دەپ قارىماقتا. غۇلجا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 9 ‏ - ئايدا زۇلپىيەنى سوتلىغان بولۇپ، سوتچى ئۇنىڭ "جىنايەت"سادىر قىلغانلىقىغا دائىر دەلىل - ئىسپاتنى سۈرۈشتۈرمەي، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بېشىنى ئۆرتۈۋالىدىغانلىقىنى سوراپلا سوتنى ئاخىرلاشتۇرغان. شۇ كۈنى سوت زۇلپىيە ئۈستىدىن ھېچقانداق ھۆكۈم چىقارمىغان شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆتمەي دائىرىلەر زۇلپىيەنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتكەن. تۇرغان ئاكا قىزىنىڭ ئۈرۈمچى 2 ‏ - تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى، لېكىن دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر قىزى بىلەن كۆرۈشتۈرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندە تاشپولات، شەمشىبان ۋە زۇلپىيە غۇلجىدا، ئەختەم بىلەن ئايالى بولسا كورلىدا بولۇپ، ئۇلار 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. تۇرغان ئاكا پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، قىزى زۇلپىيەنىڭ بەزىدە ئەتراپتىكى ئۇرۇق ‏- تۇغقان ئاياللارنى يىغىپ، ئۇلارغا دىنىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز تاشپولات قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دادامتۇ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ساقچىخانىنىڭ سەيپىدىن ئىسىملىك سىياسىي يېتەكچىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ، ۋەقەدە ئۆلگەن، ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىز ‏ - دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا ھازىرغا قەدەر ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ باقمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دادامتۇدا يۈز بەرگەن بىر ئائىلىدىن 4 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى رايوندا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ھەم جىددىيلىكىنى نامايەن قىلماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دە 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 1700 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى ئاتالمىش " بۆلگۈنچىلەر" گە ئارتقان. لېكىن بەزى ئانالىزچىلار بۇ ۋەقەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك "شىنجاڭ" سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.