
ئالدىنقى كۈنى رادىئومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاختۇرۇشتا، ساقچىلارنىڭ توپا تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن تۆت ئوينى ئۆرۈپ، مېتال تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن تەڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز ئىككى كۈندىن بۇيان ۋەقەگە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. نەتىجىسىدە، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ساقچىلارنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدا ئىككى چوڭ ھەركەت ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلاندى.
" ھەركەت مەخپىي ھەم سەزگۈر"
مەسئۇل خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭ بىرى قورال يوشۇرۇلغان دەپ قارالغان ئاكا - ئۇكا قېرىنداشلارنىڭ قورۇ - جايلىرىنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتى؛ يەنە بىرى قانۇنسىز مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغان دەپ قارالغان 25 نەپەر ياشنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى. بىز ھەرىكەتنى ئىجرا قىلغان يېڭىيەر يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، پونكىت باشلىغى ھەركەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما تەپسىلىي مەلۇماتنى يۇقىرى رەھبەرلىك ئورنىنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ناھايىتى مەخپىي، جىددىي ۋە سەزگۈر ھەركەت ئىكەنلىكىنى، بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى نازارىتىنىڭ قوماندانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭمۇ ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
" ۋاڭ لېچۈئەن بىزگە ئۇنداق دېمەيدۇ"
ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر بايانىدا، رايوندىكى تەشۋىقات سېپىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. يۇقىرىقى مەسئۇل خادىم، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ پەقەت سىرتقا قارىتا بىر تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن ساقچىلارنىڭ ئۆزىنىڭمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. غۇلجا شەھەرلىك تەشۋىقات ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر خادىم ۋەقەدىن تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يېڭىيەر يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر كادىرى، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ساقچىلار ئۆي ئاختۇرۇپ قورال تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا يىغىن ئېچىلىپ ئەھۋالدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل خادىم: " ئۆي ئۆرۈلگەنلىكى يالغان"
شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل بىر رەھبىرى، نەق مەيداندىن يەنى يېڭىيەر يېزىسىدا خىزمەت ئىشلەۋاتقان مەيدانىدا تۇرۇپ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قورال ئاختۇرۇش بىلەن، قانۇنسىز مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى تۇتۇش بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتسىز ئىككى ھەركەت؛ قورال ئاختۇرۇش يېڭىيەر يېزىسىنىڭ يېڭىيەر كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان، قانۇنسىز مەشرەپ ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنى تۇتۇش، يېڭىيەر يېزىسىنىڭ ئالمۇتىيار كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەشرەپ ئەزالىرىدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 25، قورۇ - جايىدىن قورال تېپىلغان بەش ئاكا - ئۇكىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئابدۇرېھىم. يەنە بىر يېزا كادىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئەلى قۇناخۇن. يۇقۇرقى مەسئۇل خادىم، قورال ئاختۇرۇش جەريانىدا، ئۆيلەرنىڭ تراكتور بىلەن ئۆرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما، ئۇ بىلدۈرگەن بەش ئاكا - ئۇكىنىڭ قورۇ - جايىنى ئاختۇرغانلىق ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كەلگەن ئىنكاستىكى 4 قورۇ - جاي ئۆرۈلۈپ ئاختۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتنى سان جەھەتتىن ئاساسەن توغرىلىقنى ئىسپاتلىدى.
مۇقىملىق تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچتىمۇ؟
بۇ قېتىم يېڭى يەر يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆي ئاختۇرۇش ۋە ئادەم تۇتۇش ھەركىتىنى بەزى ئىنكاسچىلار، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەخت يولى رايونىدا يۈز بەرگەن 27 - يانۋار توقۇنۇشىغا ئالاقىدار ھەركەت دەپ قارىسا، يەنە بىر ئىنكاسچى، 1997 - يىلدىكى 5 - فېۋرال ۋەقەسىنىڭ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بىر يېتەكچىسىنى قولغا چۈشۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ بىلدۈرمەكتە. بەش ئاكا - ئۇكىلار قوروسىدىن تېپىلغان قورالنىڭ تىپى سانى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. بىر يېزا كادىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە تېپىلغان قورال تىپى پارتلاتقۇچ دورا.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئالدىنقى ھەپتىدىكى باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق جەھەتتىن تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. يۇقىرىدا ئىگەللىگەن مەلۇماتلىرىمىز، نازىر ئەپەندىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ تەتۈرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)