خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ باستۇرۇش نىشانىدىكى كىشىلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بەيئەت قىلمىغان دىنىي زاتلار ئىدى. تۆۋەندە غۇلجىنىڭ تۆپەدەڭ مەھەللىسى ۋە چاپچالنىڭ قوغۇنچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرۇشىغا دائىر بىر ۋەقەنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
غۇلجىنىڭ تۆپەدەڭ مەھەللىسى ۋە چاپچالنىڭ قوغۇنچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇرېھىم قارىھاجى ۋە مۇساجان قارىمنىڭ بېشىغا كەلگەن دىشۋارچىلىقلار دىنىي سىياسەتنىڭ سەزگۈرلىشىپ، ئۇيغۇرلاردىكى روھانى تۇرمۇشنىڭ پائالىيەت دائىرىسى قانچىلىك تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى. غۇلجا شەھىرىنىڭ تۆپەدەڭ مەھەللىسىدىكى ئابدۇرېھىم قارىھاجى ۋە چاپچالنىڭ قوغۇنچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇساجان قارىم ئۆزى تۇرۇشلۇق شۇ ئەتراپتىكى جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە ئىگە مۆتىۋەر دىنىي زاتلاردىن ئىدى.
لېكىن، بۇ ئىككى زات ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە چاپچال ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سىياسى بۆلۈمى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدە يېتىشقا مەجبۇر بولغان. غۇلجىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەقەدىن خەۋەردار بىر خانىم رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئابدۇرېھىم قارىھاجى ۋە مۇساجان قارىملارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراپ تەكشۈرۈلگەنلىكى، لېكىن ھازىر قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي "قانۇنسىز" دەپ ئېلان قىلغان دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا چەك - چېگرا يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەتكە بەيئەت قىلمايدىغان دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي زاتلارغا "ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر" دەپ زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلىتىشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قاراشنى رەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قانۇنلارغا ئاساسەن قوغدىلىۋاتقانلىقىدا ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
مۇساجان قارىم بىلەن ئابدۇرېھىم قارىھاجى قوغۇنچى يېزىسىدىكى بىر پارنىكنىڭ ئىچىدە شۇ يېزىدىكى بىر قىسىم دىندار جامائەتنى توپلاپ، تەبلىغ سۆزلىگەن . ئىسلامدىكى ئاياللار مەسىلىسى ۋە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى چۈشەندۈرگەن. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئابدۇرېھىم قارىھاجى بىلەن مۇساجان قارىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا مەزكۇر يېزىسىدىكى بىر ئائىلىدە يۈز بەرگەن ئەر- ئايالنىڭ جېدىلى سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار غۇلجىدىكى يۇقىرىقى خانىم، ئابدۇرېھىم قارىھاجى ۋە مۇساجان قارىمنىڭ شۇ قېتىمقى سورۇنغا قاتناشقان بىر كىشىنىڭ ئايالىنىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن كىشىلەرنى "دىنغا مەجبۇرلاش" بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
قوغۇنچى يېزىسىدىكى ئىسمى ئاشكارىلانمىغان يۇقىرىقى كىشى دىنىي تەبلىغ ئاخىرلىشىپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ ئۆرتۈنۈپ، مۇسۇلمانلارغا خاس ئىسلامىي قىياپەت بىلەن يۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئايالى بولسا ئېرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆرتۈنۈشكە قارشى چىققان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ئايالىغا گەپ يىگۈزەلمىگەن بۇ كىشىنىڭ غەزىپىگە پايلىماي ئايالىنى ئۇرغانلىقىنى، ئايالى بولسا تاياقنىڭ ئاچچىقىدا ساقچىخانىغا ئەرز قىلىپ، ئېرىنى باشقىلارنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدا ئۆزىنى ئۆرتۈنۈشكە مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلىگەن.
بۇ ۋەقە چاپچال ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ، ئابدۇرېھىم بىلەن مۇساجان قارىم ج خ ئىدارىسىنىڭ سىياسى بۆلۈمى ۋە ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. قوغۇنچى ساقچىخانىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بىر خادىمى بۇ ۋەقەنىڭ راست يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە "قانۇنسىز" دىنىي پائالىيەتنىڭ چەك-چېگرىسى قانداق ئايرىلىدىغانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
بۇ يىل 60 لاردىن ھالقىغان ئابدۇرېھىم قارىھاجىم بىلەن 40 ياشلارنىڭ قارىسىدىكى مۇساجان قارىم بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۈلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتى چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر، بۇنىڭ مۇساجان قارىمغا ناھايىتى ھار كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قوغۇنچى يېزىسىنى تاشلاپ، يەنە شۇ ناھىيىدىكى كان يېزىسىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئابدۇرېھىم قارىھاجىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قارىھاجىمنىڭ سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن مۇساجان قارىم بىلەن ئالاقىلىشىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەھۋالى بىزگە قاراڭغۇ شۇنداقلا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن قوغۇنچى يېزىسىنى تاشلاپ، كان يېزىسىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بىزگە مەلۇم ئەمەس.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.