غۇلجا دېھقانلىرى قار ۋە يامغۇر ئاپىتىدە ئۆرۈلگەن ئۆيلىرىنى ياسىماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.07.17
2010.07.17
AFP Photo
ئىگىلىشىمىزچە، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى، پەنجىم، قاش، خۇدىيار يۈزى، ئۇيغۇر ئۇچئون، يېڭىتام، ساميۈزى، سادىقيۈزى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق يېزىلىرىدا بۇ يىل ئەتىيازدىكى قار ئارىلاش يامغۇردا، سوقما تام قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ تەخمىنەن 70% ى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. خىش بىلەن سېلىنغان ئۆيلەرمۇ خېلى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەن. ناھىيە تەۋەسىدە 100 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
نۆۋەتتە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن دېھقانلار، ياز پەسلىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆيلىرىنى ياساشقا باشلىغان. بىز غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارغا تېلېفون قىلدۇق.
سادىقيۈزى يېزىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل قىش ھەم ئەتىياز پەسلىدىكى قار ھەم يامغۇردا ئۇلارنىڭ يېزىسىدىكى ئەسلىدىكى سوقما تام قىلىپ سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ تەخمىنەن 70% ى ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە بۇ يىل ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەن زەخمىلەنگەن ئۆيلىرىنى قايتا ياساش ئۈچۈن، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ناھىيە تەۋەسىدە يەر تەۋرەشكە ھەم يامغۇر ئاپىتىگە چىداملىق ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن.
ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا بەرگەن بۇ ياردىمى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى قايتا سېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان چىقىمىدىن خېلىلا ئاز بولۇپ، نۆۋەتتە قىش ھەم ئەتىيازدىكى ئاپەتتە ئۆرۈلگەن ئۆيلىرىنى قايتا ياساش، دېھقانلارغا ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورمال شارائىتتا خىش بىلەن سېلىنىدىغان 3 ئېغىزلىق ئۆي ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى سەرپ قىلىنىدىكەن. ھازىر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ياساش ئۈچۈن خىش، سېمونت، پولات تۆمۈر قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ياردەم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆيگە كېرەك بولغان ياغاچ ماتېرىياللىرى، ئىشىك - دېرىزە، ئۇستىلارغا تۆلەيدىغان پۇل قاتارلىقلار ئۈچۈن، دېھقانلار يەنىلا تاغدىكى قوي - كالىلىرىنى سېتىشقا، بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
ئاپەتتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيىنى يېڭىلاپ سېلىۋاتقان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۆيلەرنى يېڭىلاش ئۈچۈن 3000 سوم خەلق پۇلى قىممىتىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ياردەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قالغان چىقىملارنى دېھقانلار ئۆزلىرى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بەرگەن ياردىمى ھەر قايسى يېزىلاردا پەرقلىق بولۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ ئوي يېڭىلىشى ئۈچۈن قىلىنغان ياردەم 3000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە خەلق پۇلى قىممىتىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بولغان. ئەمما تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە 18 مىڭ يۈەن، نامرات ئائىلىلەرگە 30 مىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھەم مەلۇم مىقداردا نەق پۇل بەرگەن.
نۆۋەتتە ناھىيە تەۋەسىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا بۇ خىل پەرق ھەققىدە غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بولۇپ، دېھقانلار ئۆي سېلىشقا بېرىلگەن ياردەم پۇلىدىكى بۇ خىل پەرقنى، خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭنىڭ بۇ يىل ئەتىيازدىكى تۇرپانيۈزى زىيارىتىگە باغلاپ، بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ " كۆزنەك يېزىلارنى پەردازلاش" سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىماقتا ئىكەن.
تۇرپانيۈزى يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىنى زىيارەت قىلغىنىدا، بۇ يېزىنىڭ غۇلجا تەۋەسىدىكى مۇھىم ساياھەت مەركىزى قىلىپ بەلگىلىنىشىنى ھەم تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى ئۆيلەرنى يېڭىلاشقا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشنى ئېيتقان ئىكەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ شۇ جايدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشتا، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ دوكلات قىلىش، رايوننىڭ ئەھۋالىنى پەدازلاپ كۆرسىتىش، يۇقىرى ئورگانلاردىن ياكى چەتئەللەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەرگە مەلۇم يېزا، كەنت ياكى مەلۇم بىر ئائىلىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، غۇلجا ناھىيىسىدە تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى يېڭىلاشقا بېرىلگەن ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ باشقا يېزىلاردىن پەرقلىق ھالدا كۆپ بولۇشى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.