لېكىن گېرمانلار تەرىپىدىن "ئاخبارات خانىشى" دەپ ئاتالغان بۇ داڭلىق دىكتور سلومكاس خانىم، دۈشەنبە كۈنى تۇنجى فىلىمنى باشلاش بىلەنلا، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان. ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلىدا نەق مەيداندىن كۆرسىتىلىۋاتقان فىلىملەر يېرىم يولدا ئۈزۈلۈپ قالغان.
قارا رەڭلىك ماشىنىدىكىلەرنىڭ تەھدىتى
"جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى"نىڭ 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلگەن:" بىرىنچى كۈنىلا، ز د ف گۇرۇپپىسىدىكىلەر خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدىكىلەرنىڭ نازارىتىگە، ھەتتا توسالغۇسىغا ئۇچرىدى. قانچىلىغان قارا رەڭلىك ئالىي ماشىنىلار ئۇلارنى سائەتلەپ توسۇۋالدى. بۇ يول بىر يېزىغا تۇتىشاتتى. بۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان ئىدى. سلومكاس بۇ ھەقتە ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەشنى ئويلىغان، لېكىن قارا رەڭلىك ماشىنىلار ئۇلارنى ماڭغىلى قويمىدى. ھىچ كىشى ماشىنىدىن چۈشمىدى. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. مۇخبىرلارنى ھامان قورشاپلا تۇرىۋالدى".
"سلومكاسنىڭ بېيجىڭدىكى كەچۈرمىشلىرى" ناملىق بۇ ئوبزوردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "سلومكاس ئاخىرى يول قويۇپ، ئۈچ سائەتتىن كېيىن بېيجىڭگە قايتىپ كەتتى. ئۇ بۇ يەردە خىتاي دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلدى. بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت تېخى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئولىمپىك ئوبرازىنى نامايەن قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. سلومكاسنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى تېخىمۇ زور قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەلىللەرگە تايانغان. ئۇ خىتايدا ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى يوقلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى".
خىتايلارنىڭ ئاغزى تاقالغان
8 - ئىيۇل كۈنى "فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى" مۇ بۇ توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا سلومكاسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بېيجىڭدىكى ئەرىزدارلارنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقى ۋە يۈ فامىلىلىك بىر قېرى ئەرىزدارنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقى يېزىلغان.
"گېرمانىيە كۈندىلىك گېزىتى" بولسا، سلومكاسنىڭ "ئولىمپىكتىن ئىلگىرى، پۈتۈن خىتايلار ئاغزىغا ماسكا تاقىۋالغاندەك، ئولىمپىك ۋە سىياسەت توغرۇلۇق گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى" دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي بېسىمىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى "ئاخبارات خانىشىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى زور" ناملىق خەۋىرىدە ھەمدە "گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سەددىچىندىكى زىيارىتى توسالغۇغا ئۇچرىدى" ناملىق يەنە بىر خەۋىرىدە، سلومكاسنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ توسالغۇلىرىغا ئۇچراش جەريانى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.
ئامېرىكىلىقنىڭ خىتاي ھەققىدە سۆزلەش ھەققى يوق
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سلومكاس سەددىچىندە ئىككى كىشىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، بىر توپ خىتايلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، كامىرانىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان ۋە ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى دەرھال توختىتىشقا مەجبۇرلىغان. سەۋەبنى سورىسا: "سىلەر زىيارەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى چەتئەللىك ئىكەن. ئامېرىكىلىقنىڭ سەددىچىن توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلىش ھەققى يوق" دەپ جاۋاب بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ ئامېرىكىلىق سەددىچىننى مۇكەممەل تەتقىق قىلغان بىر كىشى ئىكەن.
ساقچى ۋە جاسۇسلارنىڭ نازارىتى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەتتە ئاي ئىلگىرى نۇرغۇن يول مېڭىپ، خىتاينىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن، يېزىلاردىن تارتىپ ساقچى، بىخەتەرلىك ئورگىنى ھەتتە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكلىرىدىنمۇ تولۇق ئىجازەت ئالغان، نۇرغۇن تامغىلارنى باستۇرغان، ئىسپاتنامىلارغا ئېرىشكەن ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ مۇخبىرلىرى، ئەركىن زىيارەت پۇرسەتلىرىگە ھىچ ئېرىشەلمىگەن.. ھەر قاچان ساقچىلار ۋە جاسۇسلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۈرگەن. ئۇلارنىڭ خالىغانچە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان.
گەرچە بۇ مۇخبىرلار نەگە بېرىپ، نەدە تۇرىدىغانلىقىنى، كىم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، نېمە قىلىدىغانلىقىنى خىتايغا بۇرۇنلا مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، دېگەن يېرىگە بارالمىغان. قىلىدىغان ئىشىنى قىلالمىغان. ئۆزلىرى زىيارەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالدىن تاپشۇرغان تۇرۇغلۇق، ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمىگەن. ئالدىن كېلىشىپ قويغان زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى، تەھدىتى تۈپەيلى سۆزلەشكە پېتىنالمىغان.
"بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ۋەدىسىدىن يۈز ئۆرىدى"
خوڭكوڭ "ئالما گېزىتى" گە، ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنە "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ۋەدىسىدىن يۈز ئۆرىدى" ناملىق بىر خەۋەر قارا خەتلىك چوڭ يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە خوڭكوڭلۇق بىر مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقى، ھەيدىلىشتىن ئىلگىرى ساقچىلاردىن سەۋەبنى سورىسا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان شەخس ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان چەكلىمىسىنىڭ ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ ئەشەددىلىشىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئىككى يۈزلىمە مۇئامىلە
سلومكاس مۇنداق دېگەن: " مېنىڭ شەخسىي تەسىراتىم، ھېس قىلىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كام ئىكەن. ئەگەر چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئولىمپىكنى خەۋەر قىلغۇدەك بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى قورقۇنۇشتىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغۇدەك. ئۇلار ئىلگىرى ۋەدە قىلغاندىكىدەك ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات چەكلىمىسىنى بوشاتمىغۇدەك. ئۇلارنىڭ ئەندىشىسى كونترولىنى يوقۇتۇپ قويۇش. بىز داۋاملىق تەكشۈرۈلدۇق، دائىم نازارەت ئاستىدا يۈردۇق. بىزنىڭ زىيارەت ئوبيېكتىلىرىمىزمۇ ھەمىشە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇردى".
سلومكاس يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئىككى يۈزلىمە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىجازەتنامىلىرىگە ئۆزلىرى ھۆرمەت قىلماي شەرمەندىلەرچە تەسىر بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.