گېرمانىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى د ئۇ ق غا مەكتۇپ يوللىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم ئالدىنقى ئاي خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مېركېل خانىمنىڭ زىيارىتى ئاخىرلىشىپلا، گېرمانىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى د ئۇ ق غا ئايرىم - ئايرىم مەكتۇپلار يوللاپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەتتە بولىۋاتقانلىقىنى ۋە 11 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان گېرمانىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن بۇ خۇسۇستا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلايسىلەر.