گېرمانىيىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى

خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارىتا غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىنكاسلاردا بولمىغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئېغىر يوقۇتۇشلىرىغا نىسپەتەن تېگىشلىك ھېسداشلىق بىلدۈرمىگەنلىكى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردا رادىكال چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش دولقۇنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە د ئۇ ق نىڭ باش شىتابى مەۋجۇد بولۇپ تۇرىۋاتقان گېرمانىيىنىڭ پوزىتسىيىسى زادى قانداق بولدى؟

بۇ سوئالغا، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش ئۆتكۈزگەن د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جاۋاپ بەردى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى ئەمەلدارلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە جىددىي دېققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل يوللار بىلەن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ئۆز ئالدىغا مەلۇمات توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ ئىستىقپالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرۇلۇق يېقىن ئارىدا خىتاي بىلەن سۆزلەشمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە گېرمانىيە ھۆكۈمېتى بۈگۈنگە قەدەر كۆپلىگەن غەرىپ دۆلەتلىرىگە ئوخشاش 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قارىتا كەسكىن ھەم ئاخىرقى بىر قارارىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن 5 - 6 - 7 - ئىيۇل كۈنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستېرىدىن تارتىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگىچە خېتى قاتتىق تەلەپپۇزدا بايانات ئېلان قىلغان.

غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ دەھشەتلىك قەتلىئامىغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغانلىقى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلاردا غەرىپنىڭ ئادالىتىگە نىسپەتەن سۈبھى پەيدا قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.