دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئاياللارنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنىڭدەك كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەرمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردىمى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى كۇرسقا شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۆلكە بولغان باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە توختالغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ.
ئاياللار كۇرسىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى راھىلە خانىم، كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپلا قالماي، كۇرسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، پەرزەنت تەربىيىلەش ساھەسىدىكى ئېڭىنى كۆتۈرۈشىگە، ئاياللارنىڭ يالغۇز ئائىلىدىلا ئەمەس، جەمئىيەتتىكى رولىنىڭمۇ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە كۈچلۈك ئاساس ياراتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
كانادادىن گېرمانىيىگە كېلىپ كۇرسقا قاتناشقان ئاياللار ۋەكىلىمۇ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاتىغانلىقىنى سۆزلىدى.