گېرمانىيىدە ئىنسان ھەقلىرى مەشئىلى

گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ تۈرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى پائالىيەتلىرى ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن سىرت، ھەر ساھە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

"ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئالتۇن"

گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ 4 - مايدىكى خەۋەرلىرى ئارىسىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن باشلىغان خىتايغا قارشى بىر پائالىيىتى دىققەتنى تارتىدۇ. ئەزا سانى بىر يېرىم مىليوندىن ئاشىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە تارماق ئورگانلىرى بولغان، خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئىچىدە سىياسىي تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلانغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسى "ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ئالتۇن" نامىدا كىشىلىك ھوقۇق مەش`ئىلى پائالىيىتىنى يولغا قويغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەت پەقەتلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلىدىكەن. خىتاي ئولىمپىكىگە، خىتايدىكى ھەر ساھە زۇلۇملارغا قارشى ئىمزا توپلاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەتكە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيىدىكى ئەزالىرى قاتناشقاندىن باشقا، يەنە گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى - ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئاۋاز قوشىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەش`ئىلى پائالىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرىدە خانىم، خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مەش`ئىلى پائالىيىتىنىڭ خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى يولغا قويۇلغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زورلۇقىنى تىلغا ئالدى.

رابىيە قادىر خانىمغا ئىگە چىققان تەشكىلات

كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنىڭ تۇنجى ئوتى 30 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرەئىبۇرگ شەھرىدە تۇتاشتۇرۇلغان. تۇنجى كۈنىلا 900دىن ئارتۇق كىشى خىتاينى جازالاش بايانىغا ئىمزا قويغان. بۇ مەش`ئەل گېرمانىيىدىكى 25 چوڭ شەھەرگە ئۇلىنىدىغان بولۇپ، 13 - ئىيۇل كۈنى پايتەخت بېرلىندا ئاخىرلىشىدىكەن.

مەلۇمكى، خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئىگە چىققان ۋە ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىشىغا زور ھەسسە قوشقان بىر تەشكىلات، شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاۋاتقان، سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى ئىنچىكە كۆزىتىۋاتقان پائالىيەتچان بىر تەشكىلات.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىدى؛ خىتاينىڭ ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتىن ئىلگىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا دۇنياغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەسلىتىش، خىتاينى كۈنسېرى ئەشەددىلىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشكە قىستاش، ئولىمپىكتىن ئىلگىرى خىتايدا ئىجابىي بىر ئۆزگىرىشنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر مەسىلىسىنىڭمۇ بۇ كۈن تەرتىپتىن خالى ئەمەسلىكى مەلۇم.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ھەر بىر شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى گۇرۇپپىسى، پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندا، مەش`ئەلنى يەنە بىر شەھەردىكى گۇرۇپپىغا ئېتىلغان ئىمزالار بىلەن قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. مۇشۇ يوسۇندا 7 - ئايغا قەدەر پۈتۈن گېرمانىيىنى ئايلىنىپ چىقىدىكەن. مىڭلارچە كىشى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىكەن. 13 - ئىيۇل كۈنى بېرلىندا چوڭ يىغىن چاقىرىپ، پائالىيەت نەتىجىسىنى دۇنيا ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىدىكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە توپلانغان ئىمزالارنى يەتكۈزىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر پائالىيەتلەر جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قۇربانلىرىغا ئائىت دەلىل - ئىسپاتلار كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خىتايلار ئىچىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئارخىپلىرى كۆرسىتىلىدىكەن. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ماتېرىياللار تارقىتىلىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوستى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2007 - يىلى 2 - ئايدا، 7 - ئايدا ۋە 8 - ئايلاردا ئارقا ئارقىدىن دوكلاتلار ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات يەنە ھەر يىلى ئۇيغۇرلارغا ئائىت يىللىق دوكلاتلار ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. پەرىدە خانىم يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 90 - يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2007 - يىلى 7 - ئايدا ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى "تېررورىست، بۆلگۈنچى، رادىكال دىنچى" دېگەندەك قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ قىيناۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ھۈسەيىن جېلىل، ئوسمان ئالىخان قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ھەقسىزلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى بايان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسى، بولۇپمۇ مىيۇنخېن تارمىقى بىلەن باش شىتابى مىيۇنخېندا بولغان د ئۇ ق، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىسى زىچ بولۇپ، يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە. خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنە مۇشۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا مۇراجىئەت قىلماقتا.