ئاق كېپەن ئارتقان ئۇيغۇر ئەر - ئاياللارنىڭ قىياپىتى دىققەتنى تارتتى
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرى ئاق كېپەنگە مەركەزلەشتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائىتىگە پاش قىلىش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نارازىلىق ئىستەكلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشى، ئىلگىرىكى نامايىشلارغا ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتنى ئالغان. نامايىشچى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ھالەتلىرى غەزەپلەرگە چۆمگەن بولۇپ، ئۇلار ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار، خىتاي زوراۋانلىقىغا قارشى شۇئارلار يېزىلغان تۈرلۈك ۋىۋىسكىلار، لوزۇنكىلار ۋە ھەر خىل تەشۋىقات ۋەرەقەلىرى بىلەن ئەتراپتىكى مىڭلىغان تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئاق كېپەن ئارتقان بىر توپ ئۇيغۇر ئەر - ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتى كىشىلەرنى دىققىتىنى ئۆزىگە ئالاھىدە مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى.
ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان خىتاي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائىتىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە ئاق كېپەنلەرگە يۆگەلگەن بۇ نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ يايما ئەتراپىدا توختىماي پىرقىراپ، مۇسىبەت ۋە ئۆلۈم تەھدىتلىرى ئىسكەنجىسىدە قالغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن. نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەر، بۇ غەلىتە ھەم جەلىپ قىلارلىق كۆرۈنۈشلەرگە قىزىقىپ، تۈرلۈك سوئاللارنى سورۇشۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى ئەتراپلىق بىلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.
"توخۇنى بوغۇزلاپ، مايمۇننى قورقىتىش"
بىز نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارغان چېغىمىزدا، قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. نامايىشچىلارنىڭ ئۈستى - باشلىرى چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئېچىنىش ۋە خىتاينىڭ مۇستەبىت زوراۋانلىقىغا بولغان غەزەپلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ بۇ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك ئىرادىسى بىلەن نامايىشلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىدى.
بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بىر ئايغا يەتمىگەن بىر ۋاقىت قالغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بىر چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بۇنداق بىر دەھشەتلىك باستۇرۇشنى ئېلىپ بېرىشقا جاسارەتلەندۈرگەن نەرسە زادى نېمە؟ بۇ سوئالىمىزغا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جاۋاب بەردى.
خىتاي ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماقتا"
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە بەلكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەسلا توختىتالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقىنىڭ دۇنيا جامائىتى ئارىسىدىمۇ چوقۇم بەلگىلىك ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى يۈرگېن تىراك ئەپەندى، " قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىلەردىكى بۇ ۋەھشىيەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدىغان، قىساس تۇيغۇلىرىغا بېنزىن چاچىدىغان، خىتاينىڭ مۇقىملىق شۇئارىغا خاتىمە بېرىدىغان بىر ھادىسە، خىتاي ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماقتا" دېدى.