گېرمانىيە ئاخباراتلىرىدا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى گېرمانىيىلىك داڭلىق كىنو ئارتىسى خاننېس يانكې(Hannes Jaenicke) خانىمنىڭ سۇمرۇغ، يەنى پوئەنىخ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ "دىئالوگ" پروگراممىسىدا تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىلغان سۆزى، گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان ئىدى. سابىق باش مىنىستىر ھېلمۇت، ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىتايىن مايېر(Stein Meir) ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى رەئىسى بېك(Beck)لار دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خاننېس يانكې خانىمنى "ئېغىزىنى يۇمۇش" قا دەۋەت قىلغان.

0:00 / 0:00

ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلىنغان خاننېس يانكې خانىم "ئېغىزىنى يۇمۇش"نىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە ۋە كىشىلىك ئەركىنلىككە چوقۇم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ باستۇرۇشى داۋام قىلماقتا

بېرلىن ۋە بونن گېزىتلىرىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خاننېس يانكې خانىم: "بۈگۈنكى خىتاي ئولىمپىكى بىلەن 1936 - يىلى ناتسېستلار گېرمانىيىسى ئۆتكۈزگەن ئولىمپىكنىڭ ھىچ پەرقى يوق. خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى بارغانسىرى ئەشەددىيلىشىشىپ، دىرامماتىك تۈس ئالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىكلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق باستۇرۇشنى داۋام قىلماقتا، ئەگەر خىتاي ئولىمپىكى خىتلېر زامانىدىكىدەك ئېلىپ بېرىلماقچى بولسا، مەن بۇنىڭغا ماقۇل دېمەيمەن" دېگەن.

خاننېس يانكې خانىم يەنە، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى ساختىلىقلار، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالماسلىق مەسىلىسى، سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە قازاغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ قولغا ئېلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان. خىتاينى فاشىستېك دىكتاتور دۆلەتكە ئوخشاتقان. كۆپلىگەن ئىخلاسمەنى ھەم تاماشىبىنى بولغان بۇ داڭلىق ئارتىسنىڭ سۆزى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىرلەر پەيدا قىلغان.

خىتاينىڭ غەربكە قارىتا تەشۋىقاتى

ئارد تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2 - ئىيۇلدىكى نەقىللىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ نەپەر تىبەت مۇتەخەسسىسنى ياۋروپاغا ئەۋەتكەن. ياۋرۇپا ئەللىرىدە تىبەت مەسىلىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش، يەنى تىبەتنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ھەمدە تىبەتتىكى بەختىيار تۇرمۇشنى ئاڭلىتىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بۇ مۇتەخەسسىسلەر 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇنجى بولۇپ، بېرلىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى، ئىلگىرىكىدەك پاراۋان تۇرمۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى سۆز مۇقەددىمىسى قىلغان.

خىتايدىن كەلگەن بۇ مۇتەخەسسىسلەر مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەيدانىغا سادىق ھالدا، دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىكتە ئەيىبلىگەن ھەم ئۇنى مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن ھەقىقى ۋاز كەچمىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئىشەنچىسىز

ئەمما بۇ سۆھبەت سورۇنىغا داخىل بولغان گېرمانىيە مۇخبىرلىرى، ئۆزلىرىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەتتە ھەقىقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر تەرەپلىمە تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، تىبەتتە بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر زۇلۇم ۋە ئەنسىزچىلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن. ئۆزلىرىنىڭ تىبەت ۋەقەسى جەريانىدا قولغا ئېلىنغان مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەقدىرىگە تېخىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن.

خىتاي ساۋاقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى "گېرمانىيە ئاخباراتىدا تىبەت مەسىلىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنازىرە قىلىنماقتا" ناملىق خەۋىرىدە بولسا، تىبەت ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنغان ۋە خىتاينىڭ دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجە ھاسىل قىلىشىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە "فرانكفۇرت پۇل مۇئامىلە گېزىتى" گە بېسىلغان مۇنداق بىر جۈملە نەقىل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. "خىتاينىڭ دالاي ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈش قارارىنى ئېلىشى، پەقەتلا غەرب ئەللىرىگە كۆرسىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان. ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى، خىتاي پارتىيە رەھبەرلىرى تىبەت ۋەقەسىدىن دەرس ئالدىمۇ يوق ھەمدە قانداق دەرس ئالدى؟ دېگەندىن ئىبارەت".

"مەشئەل"دە خىتاي زۇلۇمى توغرىسىدا كۆرۈنۈشلەر

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەنە، سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە قانىلى تىبەت ۋەقەسى ھەققىدە "مەش`ئەل" ناملىق كۆپ قىسىملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتكەن. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيە كۈندىلىك گېزىتى ئۇنىڭغا قارىتا ئوبزور ئېلان قىلغان. ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سانلىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنى سىر تۇتىدۇ. ئەمەلىيەتتە تىبەتتىكى ئىقتىسادى ئىلگىرىلەش تىبەت خەلقىگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىگەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم تىبەتلىكلەر چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ساۋاتسىز. شەھەرلەردە ئۇلارغا ئىش يوق. ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايلار ئىگىلەپ بولغان. مائارىپ تەربىيىسى تىبەتتە ئومۇملاشمىغان. خىتاي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، بارغانسىرى نامراتلىق، قالاقلىققا پاتقان تىبەتلىكلەردە خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كەيپىيات باش كۆتەرگەن".

"مەشئەل" ناملىق فىلىمدە بولسا، تىبەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كەڭ يەر بېرىلگەن. تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە بۇندىن كېيىن يۈز بەرگۈسى ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىممىسىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەگەر دالاي ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتىن نەتىجە ھاسىل بولمىسا، تىبەتلىكلەرنىڭ يەنە بىر قېتىملىق قارشىلىقىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەتلەر بېرىلگەن.