خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ شۇئار توۋلاۋاتقان نامايىشچىلار يەنە، "كۈنىمىزدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى" ناملىق تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى ئەتراپتىكى ئاممىغا تارقاتتى.
بۇ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملىرى پاش قىلىنغاندىن سىرت، 2008 - يىلى ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.
17 - يانۋار كۈنى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 5 - فېۋرال كۈنى 18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 3 - ئايدا 700 نەپەر ئايالنىڭ خوتەندە نامايىش قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقى، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىزاھلانغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.