گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 17 ‏- كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ نامايىشقا گېرمانىيىدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان.

نامايىشچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى بولغان بەش دانە سىرتماقنىڭ رەسىمى بېسىلغان ئاق رەڭلىك مايكا ۋە شەپكىلەرنى كېيىشكەن بولۇپ، ئاي ‏- يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بىلەن ئەتراپتىكى مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.