گېرمانىيە پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇق بەس - مۇنازىرىسى

پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا يەنە بىر قېتىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىندا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا تالاش - تارتىش قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.06.10

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 10 - ئىيۇندىكى " گېرمانىيە پارلامېنتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇنازىرە قىلىندى" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتقان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ۋولكېر بېك ئەپەندى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىدلىگەندە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ دىققىتىدە

مەلۇمكى، يېشىللار پارتىيىسى گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى. ۋولكېر بېك ئەپەندى بولسا ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەت پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ 2007 - يىلى 15 - دېكابىر كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىغا " ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقايلى" ناملىق 16 ماددىلىق تەكلىپ لايىھىسىنى سۇنغان ھەمدە پارلامېنتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە تېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر زات.

ۋولكېر بېك ئەپەندى 2006 - يىلىدىن بۇيان، د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسىلىسى توغرىسىدا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

خىتايدا دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇم داۋام قىلماقتا

بۇ قېتىمقى مەخسۇس يىغىندا، ۋولكېر بېك ئەپەندى خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، خىتايدا دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇملارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى بەس - مۇنازىرە كەسكىن تۈس ئالغان.

پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى: " گەرچە خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى خىتايدا ئەگەر 900 مىڭدىن 1 مىليونغا قەدەر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋاتقان بولسا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئۈمىدلىنىشكە ئاساسىمىز بار، بۇ ئوقۇغۇچىلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى يوشۇرۇن كۈچ ھېسابلىنىدۇ، بىز دىئالوگ ۋە ئالاقىلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرەلەيمىز" دېگەن.

 " بۇ بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان كەيپىيات ئەمەس ئىدى"

لېكىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ناھايىتى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋولكېر بېك ئەپەندى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا تەسىر كۈچى يوق سىياسىي ئىبارىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان جىددىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ھەقىقىي بېسىم قىلىشىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: " كىشىلەر ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى خىتايغا بەرگەن ۋاقتىدا كۆپ ئۈمىدلىك ئىدى. ئەمما بىز ئالدىنقى بىر قانچە ھەپتە، بىر قانچە ئايدا بۇ ئۈمىدلىرىمىزنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆردۇق. ئولىمپىك تەييارلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدا 1مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلدى ۋە تېگىشلىك تۆلەمگە ئېرىشەلمىدى،" دېگەن.

 ۋولكېر بېك ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ " ئالدىنقى بىر قانچە ھەپتە ۋە بىر قانچە ئاي ئىچىدە، بىز يەنە تىبەت مەسىلىسىگە بولغان تەنقىدلەرنى كۆردۇق. خىتايغا سىياسىي بېسىم ئىشلەتكۈچىلەر، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى جەھەتتە خىتايغا تەنقىد بەرگۈچىلەر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇ بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان كەيپىيات ئەمەس ئىدى،" دېگەن.

يېشىللار پارتىيىسىنىڭ لايىھىسى پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان

ۋولكېر بېك ئەپەندى يەنە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن قەتئىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، ئولىمپىكتىن ئىلگىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان مۇئامىلىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەنقىدلەپ، "گېرمانىيىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان سىياسىتى پەقەت سىمۋوللۇق بىر ئۇقۇم بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى كېرەك، ئەكسىچە ئېنىق بىر تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان دىئالوگ لىنىيىسى تۇرغۇزۇلۇشى لازىم" دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ كېلەر ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇشىنى رەت قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە گېرمانىيە پارلامېنتىنى ئەيىبلەپ، پەيشەنبە كۈنى يېشىللار پارتىيىسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھىسىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ لايىھىدە خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋولكېر بېك ئەپەندى، بۇ لايىھىنىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقى، يالغۇز يېشىللار پارتىيىسىنى غەزەپلەندۈرۈپلا قالماستىن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " بۇ ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىگە، ھەم خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە سەلبىي سىگنال بېرىدۇ،" دېگەن.            

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.