گېرمانىيىدە تاشقى سىياسەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چاقىرىلغان " گېرمانىيە تاشقى سىياسەت مۇھاكىمە يىغىنى" توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىلەن بىرگە، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئىرانغا قارىتا تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.24

 
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا 23 - ئىيۇن ئېلان قىلىنغان " خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى" ناملىق خەۋەر بۇنىڭ بىر مىسالى. " گېرمانىيە تاشقى سىياسەت مۇھاكىمە يىغىنى" غا گېرمانىيىنىڭ ھازىر ھايات بولغان بارلىق سابىق باش مىنىستىرلىرى، مەسىلەن؛ شىمىد، كول، شىرۆدېر قاتارلىقلار ھەم بۈگۈن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئانگېلا مېركېل خانىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شىتايىن مايېر ئەپەندى ۋە كۆپلىگەن سىياسىيونلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان.

خىتايغا پۇرسەت بېرىش كېرەك

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىن چىققان سابىق باش مىنىستىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پىكرى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئېتىبار بېرىش ۋە گېرمانىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغان ۋەقەلەردىن يىراق تۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. تىبەت مەسىلىسىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دەپ، گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالماسلىقنى تەكىتلەشكەن.

بۇ سابىق مىنىستىرلار ئىچىدە خىتاي پەرەستلىكتە ئەيىبلىنىپ كەلگەن شىمىد ئەپەندى، خىتايغا پۇرسەت بېرىشنى، خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىلھام بېرىشنى، خىتايدىكى تەرەققىياتنى ئېتىراپ قىلىشنى، ھە دېسىلا خىتاينى ئەيىبلەيدىغان، بېسىم ئىشلىتىدىغان تاشقى سىياسەتنى ئۆزگەرتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

" ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقايلى"

لېكىن، بۇ خەۋەرلەر ئارىسىغا خرىستىئان سوتسىيال پارتىيىسى ۋە يېشىللار پارتىيىسىگە مەنسۇپ بولغان ئانگېلا مېركېل خانىم باشچىلىقىدىكى سىياسىيونلار ھەم دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پىكىرلىرى ھېچ قىستۇرۇلمىغان. خرىستىئان سوتسىيال پارتىيىسىدىن چىققان ئانگېلا مېركېل خانىم ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرى، گېرمانىيە تاشقى سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي بىلەن ئارىلىق ساقلاپ مۇئامىلە قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن ئىدى.

يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى فولكېر بېك ئەپەندى بولسا، ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خىتاينىڭ زىتىغا تېگىپ، " ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقايلى" ناملىق 16 ماددىلىق تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنتنىڭ تەستىقىغا سۇنغان ئىدى. خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە ئىگە چىقىۋاتقان، ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپ، ئىنسان ھەقلىرىنى قۇربان قىلىشقا تۈپتىن قارشى سانالغان بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ مەيدانىنىڭ بۇ يەردە ئاشكارىلانماسلىقىدىن، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەمدىلا ئەسلىگە كېلىۋاتقان خىتاي - گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى نەزەردە تۇتقانلىقى مەلۇم.

" بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ تاشلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈلمەكتە"

گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ ھىمايىچىلىرى بولۇپ، ئۇلار گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئاڭلىتىشقا تېرىشىپ كەلمەكتە.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ميۇنخېندىكى نامايىشىغا قاتناشقاندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، " شەرقىي تۈركىستاندا يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلا ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ تاشلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈلمەكتە" دېگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھېسسەن شىتاتىنىڭ پرېزىدېنتى خىتاينىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىدى

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيىدىكى 16 شىتات ئىچىدە، گېرمانىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان بەزى خىتايپەرەستلەر بىلەن پىكىر ئورتاقلىقىغا ئىگە بولمىغان پرېزىدېنتلارنىڭ سانى يەنىلا كۆپ ئىكەن.

ئالدىنقى كۈنى، دالاي لامانىڭ دوستى ۋە ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان ھېسسېن شىتاتىنىڭ پرېزىدېنتى رولاند كوخ ئەپەندى تەنتەربىيىچىلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلاردىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ۋە ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.