گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەسئۇلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەسئۇلى نوئوكا ئەپەندىمۇ سۆز قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

نوئوكا ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇنىڭ ھەل قىلىش يوللىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە توختالدى.

نوئوكا ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: "ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم ھۆرمەتلىك يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ يىغىنغا مېنى تەكلىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا مەن رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا، ئۇ ماڭا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدىم."

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رەھبەرلىرىدىن نوئوكا ئەپەندى بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كېلىشتىكى مەقسىدى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:"ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك يېقىندىن بېرى تىبەت توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇنچىۋالا كۆپ خەۋەر چىققىنى يوق. مەن بۇ يەرگە پەقەتلا كۇرسىڭلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگىنىم يوق، بۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتىمنىمۇ ئىپادىلەيدۇ."

نوئوكا ئەپەندى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە سىياسەتچىلەرنىڭ بىر يەردە ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن ئەمەس، ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايدا پەقەت تىبەتلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولغانلىقىمۇ ئۇچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ قېتىم تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشى ۋەھشىيلەرچە بىر ئەھۋال. بىز سىياسەتچىلەر، ژورنالىستلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، بەزى يەرلەردە قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ يەرلەرگە كۆڭۈل بۆلمەي، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. تىبەتتە يۈز بەرگەنگە ئوخشاش ۋەقەلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ پەقەتلا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ھەققىدىلا ئەمەس پۈتۈن ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر ۋە توقۇنۇشلار ئۈچۈنمۇ ئۆتىدۇ."

نوئوكا ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۇزۇن ۋەدىلىك سىياسەت تېپىشىمىز كېرەك. بىز ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتايدا بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى بىتەرەپ بىر شەكىلدە دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بىز غەرب دۆلەتلىرى دېموكراتىيىلىك ھۆكۈمەتلەر دىكتاتور دۆلەتلەردە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوبۇل قىلالمايمىز. بىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرمايلى دېسەكمۇ، بۇنىڭ ئۆزى بىر سىياسەت. بىر تەرەپ بۇنىڭغا سىياسەت ئارىلاشتۇرىۋاتسا سەن قوپۇپ يەنە بىر تەرەپكە بۇنىڭغا سىياسەت ئارىلاشتۇرما دېسەڭ بولمايدۇ. بىز گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە قويغان تەلىپىمىزنى خىتايغىمۇ قويىمىز، ھەرگىز خىتايغا ئايرىم بىر سىياسەت ئېلىپ بارالمايمىز. خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلسەك خىتايغا پايدىلىق. بۇ مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىشىمىز كېرەك. بۇ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنمۇ شۇنداق، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئۈچۈن بۇنداق قالايمىقانچىلىقلار مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ؟ بۇ سوئالنى ياخشى ئويلىشىشى كېرەك. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق ھالدا بۇنى دەپ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلماستىن، داۋاملىق ھالدا بىر بىر - بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۆزئارا سۆھبەت ئېلىپ بارسا بۇ مەسىلە ئاسان ھەل بولىدۇ. "

نوئوكا ئەپەندى سۆزىدە گېرمانىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاينى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: "گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋرۇپا بىرلىكى پارلامېنتى خىتاي بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن دىئالوگ قۇرۇشقا، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى بۇزماستىن بۇ ئىختىلاپلارنىڭ ھەل بولىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا دىنىي ۋە مەدەنىي ئاپتونومىيىنى بېرىشى كېرەك. بىز گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى، دىنىنى، ئۆرپ ئادەتلىرىنى، ئۆز تارىخىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى قاتتىق قوللۇق سىياسەت ئېلىپ بېرىشى، خەۋەرلەرنى قامال قىلىۋېلىشى ۋەقەلەرنى چوڭايتىۋېتىۋاتىدۇ."

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نوئوكا ئەپەندى گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "سۆزۈمنى تاماملاشتىن بۇرۇن گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ سوتىدا ئاقلىنىپ چىقتى. گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار بىگۇناھ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورىست دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ بۇ توغرا ئەمەس. تېرورچى ئەمەس كىشىلەرنى تېررورىست دېيىش خەتەرلىك بىر مەسىلىدۇر. دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەت گۈئانتانامودىكى 17 ئۇيغۇرنى تېخى ئۆز دۆلىتىگە قوبۇل قىلىپ ئالالمىدى، بۇ بىز ياۋروپالىقلار ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇيات بىر ئىشتۇر. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق قۇتۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىشى كېرەك."

نوئوكا ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق تاماملىدى: "خىتايلار بۇ ئىشلار ھەل بولسۇن دېسە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەمەس مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ خىتايلار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مۇزاكىرىلىرىمىزنى داۋام قىلدۇرىمىز. خىتايلار ئولىمپىكنى ئۆتكۈزىمەن دېسە چوقۇم خەلقئارا قانۇنغا بوي سۇنۇشى كېرەك. كۇرسىڭلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن."