گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى


2008.03.18

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دىن 12:00 گە قەدەر، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا كۆپ ساندىكى چەتئەللىكلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ھەر ساھە گېزىت ۋە ت ۋ قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ نامايىشنى جىددىي دىققىتىگە ئالدى. ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تىبەت بايرىقى ئەتراپتىكى ئاممىنى ئۆزلىرىگە جەلىپ قىلدى.

بۇ قېتىم نامايىش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلارنىڭ سانى ھەر قاچانقىدىن ئالاھىدە كۆپ ئىدى. بۇنداق بولۇشى 17 - مارت كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 3- ئاينىڭ 17 - كۈنى 26 نەپەر تىبەتلىك مىيۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، زور پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ نامايىشنى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلماي، كونسۇلخانىدىن 200 مېتىر يىراقلىقتىكى رومان پلاتز مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇئار توۋلاشقا رۇخسەت قىلىنمىغىنىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر "خىتايلار چىقىپ كەتسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، تىبەتكە ئەركىنلىك!" دېگەندەك شۇئارلارنى ئۈزمەي توۋلاپ تۇردى.

ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇسالام ئەپەندى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ ئورتاق تەقدىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتايغا قارشى بۇ كۈرەشنى تاكى ۋەتەن ئازات بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.