گېرمان زىيالىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار (2)

گېرمان زىيالىيسى بلۆننەڭى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، تىبەتلىكلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تەييارلىقىنىڭ ناھايىتى پۇختا بولغانلىقىنى، 2008 - يىلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئولىمپىك يىلى ئەمەس، ئەكسىچە تىبەت يىلىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ نەزىرىنىڭ بۈگۈن تىبەتكە مەركەزلەشكەنلىكىنى، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بىر بىرلەپ بايقۇت قىلىۋاتقانلىقىنى، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭمۇ بۇ قەدەمنى باسقانلىقىنى، ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ چاقىرىققا ئەگىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، „بۇلارنىڭ ھەممىسى تىبەتلىكلەرنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىنىڭ مەھسۇلى، لېكىن مەن بۇلارنى ئۇيغۇرلاردا كۆرمىدىم. ئۇيغۇرلار كۈرەش قىلىشلىرى كېرەك. مۇستەقىللىقنى ھېچكىم سوۋغا قىلمايدۇ" دېدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەقە يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟

ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تۆت بېكىتىگە ئورۇن بەرگەن ئۇيغۇر دىيارى قارىماققا تېنىچ كۆرۈنسىمۇ، خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مۇھىم جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئۆتكەن يىلى خىتاينى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تېررورنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئولىمپىك مەش`ئىلى كېسىپ ئۆتىدىغان قەشقەر، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجىلاردا راستىنلا ۋەقە يۈز بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنى ھېچكىم ئالدىن پەرەز قىلالمايدۇ.

ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ ئىستانبۇل، لوندون، پارىژ، سان-فرانسىسكو ۋە باشقا ئەللەردە ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى لەپىلدىگەنلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقىغىمۇ بىر نىمە دېمەك تەس. ئەمما خىتاي نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە تېررور ھۇجۇمىغا قارشى مانېۋىر ئېلىپ بارغان. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ مەس`ئۇلى سۇن ۋېئىدﯤ ئالدىنقى كۈنى چەت`ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ "تىبەتلىكلەردە ئولىمپىك مەش`ئىلىگە توسقۇنلۇق قىلغۇدەك ماغدۇر يوق" دېگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالمىغان.

تەتۈر تەشۋىقات

ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئىستانبۇل، لوندون ۋە پارىژلاردا كۈچلۈك قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، بارلىق ئەللەر ئۈچۈن ئاشكارە خەۋەر ھېسابلانسىمۇ، خىتاي ئۈچۈن مۇتلەق يوشۇرۇشقا تېگىشلىك تەھلىكىلىك نەرسە بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقى ۋەقەنى ئۆز خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن زادى نېمە ئۈچۈن قورقۇدۇ؟

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى ساختا مەلۇماتلاردىن ئۈزلۈكسىز ئۇچۇر بېرىپ تۇرىۋاتقان گېرمانىيە ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى جوھاننىس ھانونىڭ 12 - ئاپرېلدىكى نەق مەيداندىن يوللىغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىغە بىلدۈرۈۋاتقانلىرى تامامەن ئەكسىچە مەلۇماتلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدا ئولىمپىك مەش`ئىلى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق توسالغۇسىز سەپىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىكەن. نەق مەيدان خەۋەرلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان ب ب س تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتايچە قانىلى ئىستانبۇل، لوندون ۋە پارىژلاردا ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ مىنۇتلىرى توساتتىن ئۈزۈۋېتىلگەن. ئىنتېرنېت ئالاقىسىمۇ تاقالغان. چەت`ئەلدىكى ئولىمپىككە قارشى بارلىق چوقانلار پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان.

ئەنسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جايلار

ھانونىڭ ئېيتىشىچە، لخاسا ھەم خىتاينىڭ سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى تىبەتلىكلەر بىر قەدەر كۆپ مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ئەنسىزچىلىككە پاتقان. كىشىلەر ھازىرغىچە جۈر`ئەتلىك تالاغا چىقالمايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى تەشكىللىگەن چەت`ئەللىك مۇخبىرلارغا بۇ ۋەھىمىلىك رايونلارنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلدۇرغان. بۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تىبەت ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭمۇ تىبەتكە ئوخشاشلا ئەنسىزچىلىككە پاتقانلىقىنى، ئۇشتۇمتۇت تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ۋەقە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان ھەم گۇمانلىق شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىزلا تۇتۇپ سولاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

بۇ خىل تۇتقۇننىڭ قەشقەردە خېلىلا ئەۋىج ئالغانلىقى مەلۇم

ھانو يوللىغان تۋ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلى ھەر كۈنى دېگۈدەك لخاسادا يۈز بەرگەن توپىلاڭنىڭ ئايرىم كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىدىكەن. تىبەتلىكلەر ئۇرۇپ - چېقىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، قانغا بويالغان خىتايلار بولسا پەرياد چېكىۋاتقان بۇ كۆرۈنۈشلەرگە، ئېزىپ - تېزىپ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىرەر تىبەتلىكنىڭ كۆرۈنۈشى قىستۇرۇلۇپ قالمايدىكەن. "5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نىڭ تەشۋىقاتىمۇ ئەينى زاماندا ئەنە شۇنداق ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ئەگەر ئۇيغۇرلار ھۆر ياشاشنى خالىسا

"ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ، ھۆر ياشاشنى ئارزۇ قىلسا، - دەيدۇ گېرمانىيىدىكى تۈرك زىيالىيسى ئىسكەندەر ئەپەندى، _ ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قولدىن بېرىپ قويغان ھاكىمىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى راستلا خالىسا، ئۇ ھالدا، دۇنيانىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى بارلىق ۋاستىلەرگە ھىچ ئىككىلەنمەي مۇراجىئەت قىلىشلىرى كېرەك. يالغۇز ئىنسان ھەقلىرى مۇجادىلىسى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئولىمپىك مەشئىلى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىن ئۆتكەندە، پەقەتلا تەپ تارتماي، بۇ مەشئەلنى سىيىپ ئۆچۈرۈپ قويىدىغان بىر ئۇيغۇر ئەركەك ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك!"

گېرمانىيىلىك زىيالىي مارىئا خانىم، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۇنىڭدىن ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھال - كۈنىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ سۆزىدە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا تىبەتلىكلەرگە قارىغان كۆز بىلەن قارىمايۋاتقانلىقىنى، تەقدىرى ۋە رېئالنى قىسمەتلىرى تامامەن ئوخشاش بولغان ئىككى مىللەتكە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن ئۇلار تىبەتلىكلەر ھەققىدە قارارلار قوبۇل قىلىپ، تىبەتلىكلەر ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ياساۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيىلىك خىتاي زىيالىيسى چېن ئەپەندى بولسا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى بارلىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى، جۈملىدىن خىتاي دېموكراتلىرى ۋە فالۈنگوڭچىلار بىلەنمۇ ئىتتىپاق تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، خىتاي دېموكراتىيىگە كۆچكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەق ھوقۇقىغا ئېرىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى غۇلاتماي تۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.