گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گويدۇ ۋېستېرۋېل ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى خىتاي زىيارىتىنى شەنبە كۈنى ئاياقلاشتۇردى. ئۇ، ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا خىتاينىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، خىتايدىن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتايدىن تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى چەكلەش مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بېرى خىتايغا بارغان غەرب دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گويدۇ ۋېستېرۋېلنىڭ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەسلىدە گويدۇ ۋېستېرۋېلنىڭ خىتايدىكى سۆزىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر دەپ ئېنىق تىلغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلىشىنىڭ يەنىلا تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنۋەرجان ئەپەندى گويدۇ ۋېستېرۋېلنىڭ ئاز سانلىق مىللەت دېگەنلىكىدىن، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گويدۇ ۋېستېرۋېل خىتايدا قىلغان سۆزىدە ناھايىتى مۇھىم بىر نوقتىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ گېرمانىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نازارەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى، ھالبۇكى، بۇ ئىككىسىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، " ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش گېرمانىيە دېپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى" دەپ تەكىتلىگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، باشقا نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مەنپەئەتلىرى يۈزىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، گېرمانىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقەتەن بىر جاسارەت ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە گېرمانىيە دېموكراتىيىسىنىڭ پەرقى ئۈستىدە توختالدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ دالاي لامانى ھېچقانداق بىر دۆلەت قوبۇل قىلالمىغاندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مەركەلنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى، شۇڭا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گويدۇ ۋېستىرۋېلنىڭ خىتايدا قىلغان سۆزلىرىنىمۇ مانا مۇشۇنىڭ داۋامى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.